logo

trugen jacn

ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىلەن كەشمىر «سوفىيانا مۇقامى» دىكى ئورتاقلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 12مۇقام يالغۇز ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، نەزم، تېكىستلىرىدە قويۇق ئىسلامى تەسەۋۋۇپ پىكرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە مىستىك مۇزىكا.

يېقىندا تەتقىقاتچىلار 16 – ئەسىر سەئىدىيە دۆلىتى دەۋرىدە رەتكە سېلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مەزكۇر كلاسسىك ئەسەرنىڭ سوفىيانا مۇزىكىسى، دەپ ئاتالغان كەشمىر مۇقامى بىلەن زور ئورتاقلىقى بارلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاش يېقىندا ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كەشمىرنىڭ سوفىيانا مۇقامى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ مۇزىكا رىتىمى، ئاھاڭدارلىقى، گارمونىيەسى مىستىكىلىق مەزمۇنى جەھەتلەردىكى ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىق ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى پروفېسسور رېيچېل خاررىس خانىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇ بۇ بايقاشنى يېقىندا ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇزىكا، سەنئەت ۋە روھانىيەت» ناملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا تەتقىقات ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

رېيچال خاررىس، چارشەنبە كۈنى رادىيويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىككى مۇقام ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقنى چۈشەندۈرۈپ: «مېنىڭ كەشمىر مۇقامىغا قىزىقىپ قېلىشىم سىرىناگاردا چاقىرىلغان بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىشتىن باشلاندى. ئۇ يىغىن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇقام ئەنئەنىسى ئۈچۈنمۇ قىزىقارلىق ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن كەشمىر مۇقامى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. مېنىڭ ئۇيغۇر 12مۇقامى ھەققىدە ئىشلەۋاتقىنىمغا، ئۇنى تەتقىق قىلىش، چېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانغا ئۇزۇن يىللار بولدى» دېدى.

رېيچېل خاررىس خانىمنىڭ قارىشىچە، كەشمىر مۇقامى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئوخشاشلىقىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ رېتىمىدا.

ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر ‹كەشمىر مۇقامى› بىلەن ‹ئۇيغۇر مۇقامى › نىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنى ھىندىستان مۇزىكا نەزەرىيەسىگە ئاساسەن چۈشەندۈرىدۇ……… ئەگەر سىز كىتاب بويىچە قارىسىڭىز، ئۇلار ئىنتايىن پەرقلىق. بىراق سىز ئۇ ئىككى خىل مۇزىكىنى ئاڭلىسىڭىز، ئۇلار بەك ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى چالغۇلىرىدا زور ئوخشاشلىق بار. كەشمىرلىكلەرنىڭ ‹ساز› دېگەن ئىنتايىن گۈزەل بىر چالغۇ ئەسۋابى بار. ئۇ دولان غېجىكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. ئۇنىڭ شەكلى، تارى، پەدىسى بەك ئوخشايدۇ. ئۇلار بۇنى ‹كەشمىر سازى› دەيدۇ. بىز ئۇنى ‹دولان غېجىكى› دەيمىز. مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئوخشاشلىقىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ رىتىمى، دەپ قارايمەن. خۇددى 12 مۇقامنىڭ مەشرىپى، 2 – داستانىنىڭ رىتىمىغا ئوخشاش. شۇنىڭ بىلەن مەن نېمە ئۈچۈن كەشمىر بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇقامى بۇنداق ئوخشايدۇ؟ دېگەننى ئويلاشقا باشلىدىم.»

ئىتالىيە ۋېنىتسىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇزىكا، سەنئەت ۋە روھانىيەت» ناملىق مەزكۇر يىغىن 29 – ، 30 – ۋە 31 – ئۆكتەبىر كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىننى«ئىتالىيە گىئورگىئو سېنى ۋەخپىسى» نىڭ كۈلتۈرلەر ئارا سېلىشتۇرما مۇزىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئاگاخان مۇزىكا تەتقىقات پروگراممىسى، ۋېنىتسىيە سا فوسكارى ئۇنىۋېراسىتېتىنىڭ پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت مىراسلار بۆلۈمى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن.

يىغىننىڭ تېمىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر، ئىران، ئافغانىستان، كەشمىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق قاتارلىق كەڭ جۇغراپىيەدىكى مۇزىكا، سەنئەت ۋە كىشىلەر روھىي ھاياتىغا دائىر مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش.

يىغىندا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ روھىي تۇرمۇشىدىكى سەنئەت ۋە مۇزىكا، روھىي تۇرمۇشتىكى ئېستېتىك ئۆلچەملەر، سوپىزمنىڭ ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مىراسى، شېئىرىيەت ۋە مىستىكا، تارىخىي تېكىستلەر ۋە زامانىۋى قايتا تەسەۋۋۇر قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەنگلىيە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەزىزى ئەيسا ئەپەندى كەشمىر 16 – ئەسىردە سەئىدىيە دۆلىتىگە قاراشلىق بىر مەمۇرىي رايون ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، بۇ ئىككى رايون خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ بىر – بىرىگە تەسىرى كۆرسىتىشىچە مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سەئىدىيە پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرېشىد خاننىڭ خانىمى مەلىكە ئاماننىسا 12 مۇقامنى رەتلىگەندە، كەشمىرلىك مۇزىكانتلارنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىغا دائىر تارىخىي بايانلار بار.

ئەزىز ئەيسا: «دېمەك، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئۆز – ئارا تەسىرى ناھايىتى ئوچۇق بولغان. ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، سىياسىي جەھەتتىن كەشمىر سەئىدىيە خانلىقىغا تەۋە، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. بىز يازما كىتابلاردا ئوقۇدۇق، ئاماننىساخان سۇلتان ئابدۇرىشىدخاننىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇر مۇقامنى دەسلەپكى بار ئەنئەنىۋى مېلودىيە ئاساسىدا رەتلەپ چىقتى، دېگەن ئۇقۇمنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز.

‹قانداق رەتلەپ چىقتى؟› دېيىلگەن ۋاقىتتا ناھايىتى ئوچۇق ئېيتىلغان. شۇ ۋاقىتتا ئىراندىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن، كەشمىردىن، ھىندىستاندىن نۇرغۇن مۇقام ئۇستازلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوردىدا مۇقامنى تەرتىپكە سېلىپ چىقتى، دېگەن نەرسە ئېيتىلىدۇ. بۇ ناھايىتى ئوچۇق مەنبەلەر. دېمەك، شۇ ۋاقىتلاردا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىن نۇرغۇن مۇقامچى، مۇزىكانتلارنىڭ كېلىپ، 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانىكەن.

توغرا، تېكىست ۋە يەرلىك ئاھاڭلار ئاساسلىق ھەم كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ 12 مۇقامدا، ئۇسلۇب، ئىشلىتىلگەن سازلار، رېتىم جەھەتلەردە كەشمىرلىكلەرنىڭ ئۇسلۇبىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغانىكەن.»

پروفېسسور رېيچېل خاررىسنىڭ كەشمىر ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا دائىر سېلىشتۇرما تەتقىقاتى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. رېيچېل خاررىسنىڭ قارىشىچە، كەشمىر ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقاملىرىدىكى رىتىم جەھەتتىكى ئورتاقلىقنى ئۇلارنىڭ سوپىلىق ئەنئەنىسىگە باغلاشقا بولىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «12 مۇقامنىڭ پارچىلىرىنىڭ سوپىلىق ئەنئەنىسى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار، بولۇپمۇ ئاشىقلىق بىلەن. مۇقامنىڭ مەشرىپى «ئاشىقلىق» بىلەن زىچ باغلانغان. مەشرەپ ناخشىلىرى، مازار يوقلاش پائالىيەتلىرى ئاشىقلىققا مۇناسىۋەتلىك. كەشمىر مۇقاملىرىدىمۇ سوپىلىققا چېتىشلىق. ئۇنىڭدىكى ساما، ھاپىزلىق، ھەمدۇ سانالارنى سوفى مۇزىكىسىغا سېلىپ ئېيتىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ پىكرىم شۇ، بەلكىم بۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىتلار ئاۋۋال، ئېھتىمال بىر قانچە يۈز يىل بۇرۇن سوپىلار كەشمىر بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا قاتناپ يۈرۈپ، ئۆز – ئارا سوپىلىق ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سوپىلىق ئەنئەنىسى مۇقام ئەنئەنىسى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ ئەھۋال پەقەت كەشمىر ۋە شەرقىي تۈركىستانغا خاس ئەمەس، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىدا ئوخشاشلا مەۋجۇت ھادىسە.»

بىراق رېيچېل خاررىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈنكى كەشمىر مۇقامى جىددىي يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/12-muqam-11042015220734.html

Share
1790 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.