logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلارغا مۇراجەت

كۈرەش ئاتاھان

ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلارغا مۇراجەت
ئەسسالامۇلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلىرىم. ئالدى بىلەن ئۇلۇق رۇزى-رامىزان كۈنلىرىڭلارنى تەبرىكلەيمەن.
قەرىنداشلىرىم ئاللاھنىڭ ھەققىدە بىر-بىرىمىزگە ئادىل، دورۇست ۋە بىر ئاز بولسىمۇ پىداكار بولايلى.
توغرا بىز ئۇيغۇرلار كېيىنكى ئىككى يۈز يىلدىن بېرى ئازاپ چەكىۋاتمىز. بۇ دېگەنلىك ۋەتىنىمزدە قازاق قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىز كۆرگەننى كۆرسۇن، دىگەن ئاڭلامنى بىلدۈرمەيدۇ.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ھىچ بولمىسا جان ۋە قان قېرىندىشىمىز قازاق خەلقى بولسىمۇ خاتىرجەم ياشىسۇن، دەپ دۇئا قىلايلى!
قېرىنداش دېگەن مىڭ قىلسىمۇ يەنىلا قەرىنداش. بىز ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار تەخى بىلمەيدىغان، سىر پېتى تۇرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار بار. بۇ سىرلىق، ھىچ كىشى بىلمەيدىغان ھەقىقەت قازاقلارنىڭ بىز بىلمەيدىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدۇر. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ بۇگۈنكى قازاقىستان ئاھالىسى، مانا بىز ھەقىقىي ئۇيغۇر، دەپ قالسا بىز بىرنەرسە دېيەلمەي قالىمىز! چۈنكى تارىخىي رىياللىقنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ!
ئۇيغۇرلار ئۇرھۇن ئۇيغۇر ئېمپەرىيەسى، ئۇيغۇر ئەدىقۇت دەۋلىتى ۋە ئۇيغۇر كەڭسۇ دەۋلىتى دىن ئىبارەت ئۈچ دەۋلەتنى قۇرغان. بۇ ھەقتە يېزىلغان تارىخ كىتاپلاردا ئۇيغۇر، دەپ تىلغا ئېلىنغانلار ئىچىدە بۇگۈنكى قازاق دەپ ئاتىلىۋاتقان خەلىقلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
بىزنى ئۇلاردىن ئۇزاقلاشتۇرىۋەتكەنلەر قانچە مىڭ يىلدىن بېرى شەھەرلىشىش ھاياتىدا ياشاپ كەلگەن ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ھالىسى بولغان بۈيۈك كۆك تۈرۈك دەۋلىتىنى قۇرغان تۈركىي خەلىقلەرنىڭ بىر پارچىسىدۇر


ماھمۇت قەشقىرى كىتابىدا بىزنى ھاقانىيە تۈرۈكلىرى، ئۇلارنى ئۇيغۇر، دەپ يازىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار دېگەن ئىبارە كۆچمەن خەلىقلەرنى كۆرسەتسە، 1920-يىلىدىن كەيىن تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى قەدىمىي شەھەرلەشكەن خەلىقلەرنى كۆرسۈتىدىغان بولدى.تېخىمۇ توغرىسى تارىم ئويمانلىقى، سەيدام ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەشكەن بارلىق خەلىقلەر ئۇيغۇر، دەپ ئاتالدى.
ئۇيغۇر قاراھانىلار دەۋلىتىنىمۇ ئۇيغۇرلار قۇرغان بولسىمۇ، بۇ دەۋلەتتە يەرلىك شەھەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈكىدى…بۇ ھادىسە شەھەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچى ئۇيغۇرلارنى مىڭ يىللاپ يەكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇيغۇر ئېدىقۇت دەۋلىتى، ئۇيغۇر كەڭسۇ دەۋلىتى ئىچكى ۋە تاشقىي ئۇرۇش ۋە يېغىلىقلار سەۋەبىدىن مۇنقەرىز بولغاندا، رۇس تارىخچىسى مالياۋكىننىڭ ئېيتىشىچە “ يەتتە سۇ رايونى، جۇڭغارىيە ۋادىسى، سەيدام ئويمانلىقىدىكى جەسسۇر سوقاشچى ئۇيغۇرلار بىر كېچىدىلا يەر يۇتقاندەك يوق بولۇپ كەتت…“ دەپ يازىدۇ.
بۇ يوق بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارىخچىلار يەنە، ئۇلار تېخىچە تولۇق ئىسلامغا كۆچۈپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى تىبەت ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دەۋلەتلىرىدىكى بۇددىستلارنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بىر ئېھتىماللىق، دەپ يازىدۇ. تارىخچىلار يەنە يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ قەلەم تەۋرىتىپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچكەن بولسا تارىخ كىتاپلاردا خاتىرلىنىپ قالاتتى، مۇتلەق كۆپ قىسمى شەھرلەشكەن خەلىقلەرگە سىڭىپ كەتكەن بولىشى ئىھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن،-دەپ يازىدۇ…
مېنىڭچە جەسسۇر سوقاشچى ئۇيغۇرلارنى تىبەت، تايلاند، بۇرما ۋە ھىندىستاندىن ئەمەس، خېشى كارىدورى، ئالتاي يايلاقلىرى، يەتتە سۇ ۋادىسى،ئىسسىق كۆل بويلىرى ۋە باغداش تاغلىرىدىن ئىزدىگەن تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدۇ…
چىڭىزھان دەۋرىدىن كېيىن بولۇپمۇ چاغىتاي دەۋلىتىنىڭ ئىسلاملىشىشىدىن كەيىن يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسى ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن بارغانچە كېڭىيىپ كەتتى. بۇ زىددىيەت نەچچە يۈز يىل تەرەققىي قىلىپ تۇغلۇق تۆمۈر ۋە تۆمۈرلەڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئون مىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ياشاپ كەلگەن خەلىقلەر ھەركەت قىلغان جۇغراپىيلىك رايونلاردا يىگىرمىدىن ئارتۇق قەبىلە ھالىدا ياشايدىغان، باشقىلار تەرىپىدىن قازاق دېيىلگەن بىر خەلىق يەردىن ئۈڭەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى….
قىززىق يېرى تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى شەھەرلەشكەن خەلىقلەرگە ئۇيغۇر، ماۋاراھۇنننەھىردىكى شەھەرلەشكەن خەلىقلەرگە ئۈزبەك ئىسمى بېرىلگەندىن كېيىن، دۈشمەنلەر كەمسىتىش مەنىسىدە قوللانغان قازاق دىگەن ئىسىم، بىز يوقىردا زىكىر قىلغان، بۇگۈنكى قازاق تىلىنىڭ ئوخشىمىغان لەھچىللىرىدە سۆزلىشىدىغان يىگىرمىدىن ئارتۇق خەلىققە ئەتنىك نام سۈپىتىدە بېرىلدى….
تارىم ۋە تۇرپان ۋادىسىدىكى، بولۇپمۇ بۇگۈنكى يەتتە سۇ ۋە چىلەك رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار قازاقلارغا بەك ئوخشايدۇ…بۇ قان بېغىمىزنىڭ قەيەردىن-قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان رىيال پاكىتتۇر!
بىز ئەسلىدە ھەممىمىز قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى ئەۋلاتلىرى. بىز ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بوۋىمىز ئوغۇز خاقاننىڭ ئۆپ-ئۆز پەرزەنتلىرى. تىلىمىز، كۇلتۇرىمىز ئۈزبەككە يەقىن بولغىنى بىلەن قېنىمىز، مىللىي خاراكتېرىمىز قازاققا نىسبەتەن يەقىنراق كېلىدۇ.


قازاق قېرىنداشلار ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كۇلتۇرال مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇلار دەمىسىمۇ شۇنداق قىلدى. ئەل-فارابىي، ماھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ ھاس ھاجىپ ۋە ئاھمەت يەسىۋىي ھەزرەتلىرى قاتارلىقلارنى بىز قانچىلىك ئۇيغۇر دىسەك ياراشسا، قازاق قېرىنداشلارمۇ شۇنچىلىك قازاق دېسە مۇتلەق يارىشىدۇ! بىز ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ئاغرىنماي، ئەكسىنچە چەكسىز پەخىرلىنىشىمىز لازىم!
بىز ئۇيغۇرلار ھەرقانچە ئىش بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قازاق قېرىنداشلىرىمىزدىن ئالدىراپ ئاغرىنساق بولمايدۇ.
بىز قازاقلاردىن ئايرىلالمايمىز! قازاق قېرىنداشلار ھەم بىزدىن ئايرىلالمايدۇ! قازاقىستان بىزنىڭمۇ ۋەتىنىمىز! شۈھبەسىزكى قازاق قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدەمۇ ئاللاھنىڭ بىر گۈزەل پىلانى بار. قازاقىستان كۈچەيسۇن، بۇگۈن قازاقىستان ۋەتىنىمىزدىكى قازاقلارنى قوغدايدۇ، ئەتە ئاللاھ خالىسا بىز ئۇيغۇرنىڭ بەشىغىمۇ سايىۋەن بولىدۇ.
مەسەلە قېرىنداش ھەققىدە بولغاندا يەتتە ئويلاپ بىر كەس، دېگەنكەن بۈيۈك ئەجداتلىرىمىز!
لەكىن بۇ يەردە مۆھتىرەم پرەزىدەنت نۇرسۇلتان نەزەرباي جانابلىرىغا ئىككى ئېغىز سۆزىمىز بار
بىرىنچىسى، بىز ئۇيغۇرلارمۇ سىزنى رەھبىرىمىز، ئاقساقىلىمىز ۋە يۇرت كاتتىمىز،- دەپ تونۇيمىز.
ئىككىنچىسى، بىز ئۇيغۇرلار بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېرورچى ۋە رادىكال دىنچى ياكى سەپىراتىست ئەمەس
ئۈچۈنچىسى، بىز ئۇيغۇرلار خىتاي دەۋلەت تېرورىنىڭ قۇربانلىرى،
تۆرتىنچىسى، بىز ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا دۇچار بولغان ئاللاھنىڭ خورلانىۋاتقان بەندىللىرى،
بەشىنچىسى، بىز ئۇيغۇرلار مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتەنىمىزنىڭ ھۈرىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەركىنلىك جەڭكچىللىرى
سىزنىڭ پەقەت قازاقلارغىلا ئەمەس، قانچە ئەسىردىن بەرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارغا يىللىق باغرىنى ئاچقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغىمۇ سايىۋەن ۋە قول-قانات بولىشىڭىزنى ئىشەنچ بىلەن ئۈمىت قىلىمىز
ئالمانىيە ئۇيغۇرىستان كۇلتۇر مەركىزى
ھۈرمەت بىلەن : كۈرەش ئاتاھان
23.06.2017 گېرمانىيە فرانكفۇرت

Share
1458 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.