logo

trugen jacn

ئۇيغۇر پىدايىلارنى قوغلاشقا موتوسىكىلىت ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇر بايلار

a718d387366c35a


ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى: ئاقسۇنىڭ ئۈنسۈ ناھىيەسى گۈلاۋات يىزىسىدا پارىخورلۇق بىلەن بەيىغان قويمىچى بايلاردىن ئابدۇللا ھىسامىدىن،يىزىدا قۇرۇلغان “مۇقىملىقنى ساقلاش ئەتىرىتى”گە قاتناش ۋاستىلىرى ئەلىپ بىرىش ئۈچۈن 50 مىڭ يۇۋەن پۇلنى ئۆزى چقىرىپ، يىزىدىكى باشقا باي ئۇيغۇرلارنى قىستاپ جەمئى 260 مىڭ يۇۋەن پۇل توپلاپ،بۇ پۇلغا 22 موتوسىكىلت سەتىۋەلىپ “مۇقىملىقنى ساقلاش ئەتىرىتى” گە ھەدىيە قىلدى
ئابدۇللا ھىسامىدىننىڭ 16.ئىيۇن كۈنى قىلغان بۇ “ۋەتەنپەرۋەرلىك، “جۇڭخۇۋا ئاڭ-سىزىمى ئىپادىسى” بولغان پائالىيىتى خىتاي مەتبۇاتلىرىدا كەڭ كۈلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتا

خىتاي مۇخبىرىنىڭ “ ۋىيۋىن دۈي (مۇقىملىقنى ساقلاش ئەتىرىتى)”نى موتوسىكىلىتلاشتۇرۇش پىكىرى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە قانداق كەلدى؟” دەپ سورىغان سوئالىغا،ئابدۇللا ھىسامىدىن “تىرورىستلار بەك يامان.ۋىيۋىندۈيدە موتوسىكىلت بولغاندىلا ئۇلارنى قوغلاپ تۇتالايدۇ.بىزمۇ پارتىيە  رەھبەرلىكىدە خاتىرجەم پۇلىمىزنى تاپالايمىز”دەپ جاۋاپ بەردى
ۋەتىنىمىز يىزىلىرىدا قۇرۇلىۋاتقان “مۇقىملىقنى ساقلاش ئەتىرىتى” قانداق ئەتىرەت؟نىمە ئىش قىلىدۇ؟بۇ ئەتىرەتلەر يىزىلاردىكى ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىن ئاز مائاش بىلەن جەلىپ قىلىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ،خىتاي قۇراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇلىدۇ.ھەر بىر ئەتىرەتنىڭ كۇماندىرى “ۋۇجىڭ” دەپ ئاتالغان خىتاي جاندارما قىسىمىدىن ئىۋەتىلگەن خىتاي ئەسكەر. خىتاي كوماندىردا قۇرال بار،ئامما ساقچى يىيىم كەيدۈرۈلگەن بۇ ئۇيغۇر دىھقان ياشلىرىنىڭ قولىغا كالتەك،مىلتىق ،تاپانچە شەكلىدىكى ياغاچ ئۇيۇنچاقلار بىرىلگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنى مەھەللە چارلاش،گۇمانلىق دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق مەلۇمات بىرىش،گۇمانلىق ئۆيلەرگە تۇيۇقسىز بەسىپ كىرىدىغان ياكى پىدايىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋاقتتا ئالدى بىلەن بۇ قۇرالسىز ئۇيغۇرلارنى ئالدىدا ماڭدۇرۇش… قاتارلىق پائالىيەتلەرگە سالىدۇ

گۈلاۋات يىزىسىدا، مۇشۇ كۈنلەردە ئۆيى يوق،تالادا يەتىپ قوپۇپ ئاچ يۈرىۋاتقان 200 دىن ئارتۇق مەيىپ،قەرى-چۈرە،تۇل،يىتىم  بىچارىلار ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ياردىمىنى تىلەپ كوچىلاردا يالاڭ  ئاياق،يىرىم يالىڭاچ كىزىپ يۇرۇۋاتىدۇ.يىزىدىكى ئاقساقاللار ئۆز ۋاختىدا ئابدۇللا ھىسامىدىنغا “ يىزىمىزدا ئۆي ياساپ  شۇ بىچارىلارنى باقساق” دەپ تەكلىپ بەرگەندە “ھازىرچە  مىنىڭ ئىمكانىم يوق” دەپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان ئىدى.ئەندى تۇيۇقسىزلار 50 مىڭ يۇۋەننى بىردىنلا چىقىرىدىغان مەرتلىكى تۇتۇپ كەتكەن بۇ بايغا مەھەللە ھەيران بولسىمۇ،ھىچكىم بىر نەرسە دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي جىم تۇرۇشماقتا
قۇرالسىز ھەم قاتناش ۋاستىسى بولمىغان “مۇقىملىقنى قوغداش ئەتىرىتى”نىڭ بىرسى بولغان ئۈنسۈ گۈلاۋات “ئەتىرىتى”گە 22 موتوسىكىلىت تەقدىم قىلىپ،خىتاي مەتبۇاتلىرىدا “مەشھۇر” بولغان مەككار ئابدۇللا ھىسامىدىن ئۆزىچە “مىلياردار بولۇشنىڭ يىڭى يولىنى ئاچتىم”دەپ خۇشاللىقتىن گۈل قەقەلىرى ئەچىلىپ يۈرۈپتۇ.ئامما،ئابدۇللا ھىسامىدىن،ئۇيغۇر پىدايىلارنىڭ نىشان چەمبىرى داىرىسىگە كىرىپ قالغانلىغىدىن خەۋىرى بولمىسا كىرەك

Share
2216 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.