logo

trugen jacn

ئۇيغۇر پروفېسسور تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا ھۇجۇم قىلدى

 

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئادىلجان ئابلەت خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنى «شىنجاڭ مەسىلىسى» گە مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

مەزكۇر ماقالە تۈركىيەدە پارتلىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىگە جاۋابەن يېزىلغان.

ئادىلجان ئابلەت ماقالىدا، «تۈرك ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ قېتىم جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلدى. بۇ تۈركىيە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە پانتۈركىزمنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيەنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە قول تىقىشىدىن ئۇنىڭ مەخپىي غەرىزىنى كۆرۈۋالالايمىز» دېگەن.

بىراق ئۇ ماقالىسىدە، قانداق ئامىل تۈركىيەدە پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەقلىق نارازىلىق، دەپ كۆرسىتىپ، نارازىلىقنى خىتاينىڭ رامىزاندىكى باستۇرۇشى، دىنىي ئىبادەتكە قويغان چەكلىمىسى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادىلجان ئابلەت بۇ رېئاللىقنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان روزا چەكلىمىسى تۈركىيەدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان. بۇ چەكلىمە يەنە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىكى ماقالە، پرېزىدېنت ئەردوغان 28 – ئىيۇل خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان نازۇك مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ دىققەت قوزغىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-prof-turkiye-07082015195713.html

Share
1201 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.