logo

trugen jacn

ئۇيغۇر پائالىيەتچى: ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى قالمىدى

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

پىدائىي

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابلىمىت تۇرسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئاتالمىش «تېررورلۇق جىنايىتى» بىلەن قارىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۇلارنىڭ توغرا يۈزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەسسە قوشۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئابلىمىت تۇرسۇن سۆھبەت دامىدا، خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى تامە قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل ئالداش ۋە قاتتىق جازالاش چارلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۇيىقەستىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى قالمىغانلىقىنى ئېيتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/uyghur-musteqil-01292015171137.html

Share
1764 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.