logo

trugen jacn

ئۇيغۇر يىزىلىرىدا 200 مىڭ كىشىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نىمە ئىشى بار؟

 

  شىنخۇا خەۋەر ئاگىنىتلىغى بۇگۈن (2014.يىلى 5.ئاينىڭ 6.كۈنى) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 200 مىڭ دۆلەت كادىرىنىڭ تەشكىللىنىپ يىزىلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ چۈشۈرىلىدىغانلىغى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىلان قىلدى

ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكۇم تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ 3 يىللىق ۋەزىپە بىلەن يىزىلارغا تارقىتىلىدىغان بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا چۈشۈرىلىدىغان بولۇپ،25 تۈر بويۇنچە 150 خىل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.مەخسەت خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىمىش

ئەگەر مەخسەت خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بولسا،شۇ 200مىڭ دۆلەت كادىرى يىزىلاردا خەجلەيدىغان پۇلنى يىغىپ دىھقانلارغا تارقىتىپ بەرسە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بولماسمىدى؟ بۇ 200 مىڭ كادىر ئەمىلىيەتتە،ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى نازارەت قىلىدىغان جاسۇسلۇق  ۋەزىپىسى ئۈچۈن تۈۋەنگە چۈشۈرىلىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىنى باستۇرۇشتا خىتاينىڭ پارتىيە،جاسۇسلۇق، ساقچى،ئارمىيە قاتارلىق باستۇرۇش  مىخاينىزىمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەييارلانغان يىڭى بىر تور،يىڭى بىر تۇزاقتۇر

بۇ “خىزمەت گۇرۇپپىسى” ئاتالغان كەڭ كۈلەملىك جاسۇسلۇق ۋە باستۇرۇش مەخسىدى يۇشۇرۇنغان دۆلەت سەپەرۋەرلىگىگە دۇنيا جاماەتچىلىگىنىڭ جىددىي دىققىتىنى جەلىپ قىلىشىمىز لازىم

ھەر بىر ئۇيغۇر سورىشى لازىمكى ،  21.ئەسىردىكى ئەركىن  ۋە مەدىنىي دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى 200 مىڭ كىشىلىك خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر يىزىلىرىدا نىمە ئىشى بار؟

مەنبە

各机关一把手除外 全疆20万名机关干部将在3年内轮换一遍

http://www.chinanews.com/df/2014/05-06/6136243.shtml

 

Share
2047 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.