logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ياش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېتەكچىلەرنى جەمئىيەتتىن ئايرىش ھىيلىسى ھەققىدە توختالدى

d16efd2c-3b45-4ecd-a57c-36f1514cd16a

ەركىن سامساق بىلەن فەردون پەتتار شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ «بۈگۈنكى سۆھبەت» پروگراممىسىدا ئىلھام توختىنى قارىلىماقتا. 2014-يىل 25-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.

 

ئېھسان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، جەمئىيەتتە مەلۇم ئورنى بار، خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن خەۋپ دەپ قارالغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ئويۇنلارنى ئويناپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئايرىپ تاشلاشتەك نەيرەڭلەرنى ئىشلەتمەكتە.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ياش ئاتۇشنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى ئوبۇلقاسىم ئىسىملىك دىنىي ئالىمنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانداق شەكىلدە جەمئىيەتتىن ئايرىپ تاشلانغانلىقىدەك ئۆزى شاھىت بولغان ۋەقەلىكنى ئاڭلاتتى.

ئوبۇلقاسىم ئاقتۇ ناھىيىسىدە تونۇلغان دىنىي ئالىم بولۇپ، 35 ياش ئەتراپىدا ئىكەن، ئۇ، يۇرت ئىچى ۋە سىرتىدا دىنىي ئىلمىي بىلەن تونۇلغان ھەمدە ياشلار ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە، زېرەك ياشلاردىن بولۇپ، ياشلارنى يېتەكلەشتە، خىتاي دائىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى پاش قىلىش، رەددىيە بېرىش جەھەتلەردە بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، نەچچە ئاي قاماققا سولىغان بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپاتلىق باھانە تاپالماي قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

2008-يىلدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى ئوبۇلقاسىمنى جەمئىيەتتىن ئايرىپ تاشلاش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، نەتىجىگە ئېرىشكەن، 2010-يىلىغا كەلگەندە ئوبۇلقاسىم ئۆز خەلقىدىن كەلگەن ئاھانەتلەرگە چىدىماي ئېغىر يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر خىل پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچى ۋە ئاكتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتى تۆكۈشكە، ئۇلارنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇللاھ كۆكيار بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-oyuni-11022015154859.html

Share
1421 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.