logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم سېپىل

 

 

ئاپتورى: سەھەر

 

ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم سېپىل

 

يېقىندا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججىتى تارقىتىلغاندىن كېيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە قەلەم ئىگىلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز دېگەن تېما ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا ۋە قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىدى. مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئانا تىلىم دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىرىسلار شۇنداقلا، بۇ خىرىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

 

مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يوق قىلىش مەقسىتىگە ئوڭۇشلۇق يېتىش ئۈچۈن، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى خانىۋەيران قىلىشتىن باشلىدى.

 

ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى، ئۇيغۇر پۇتبولى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى  ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى. گەرچە ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيادا ئىنتايىن قۇدرەتلىك دەپ قارالغان بىر ھەربىي كۈچ كونترول قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتلىرى بىلەن ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە ئۇلاپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردە يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى مەنسىتمەي كەلدى. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۆلمىسۇن، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۆلمىسۇن مىللەت ئۆلمىسۇن.

 

ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بولىدۇ. بۇ ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بولغانغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەتلىك نەرسىسى. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇزاق تارىخلاردىن بۇيان، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوينىغان ھىيلە-مىكىرلىرىنى بىت چىت قىلىپ كەلگەن مۇستەھكەم قورغان. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئۇيغۇر مىللىي روھىيىتىنىڭ جۇغلانمىسى. ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالىغان غۇلجا، قەشقەر، خوتەن، قۇمۇل، ئاقسۇ، كۇچار قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋار روھىيىتىمۇ ساقلىنىپ كەلگەن.

 

ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە غەربنى ئېچىش دەيدىغان شېكەر يالىتىلغان شوئارلار بىلەن، ۋەتىنىمىزگە شۇنداقلا غۇلجا شەھىرىگە بۆسۈپ كىرگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ  گۈزەل مەھەللىلىرىنى دەسسەپ چەيلىدى. گۈل-گىياھ، باغۇچىمەنلىك بىلەن چىقىشالمايدىغان خىتاي ئاققۇنلىرى، نى-نى قىممەتلىك قوغدىلىدىغان رايونلىرىمىزنى، باغۇبوستانلىقلىرىمىزنى، ساياھەت رايونلىرىمىزنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

 

ئۇلار بىرمۇ خىتاي ئارىلىشىپ باقمىغان، ساپ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىن ئەندىشە ۋە قورقۇنچ ھېس قىلاتتى. گاھ بۇ مەھەللىلەر، ئۇلار ئۈچۈن خۇددى شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان دېڭىز تاشقىنى(تسۇنامى) نى ئەسلەتسە، گاھ غەزەپ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان شىر، يولۋاس ۋە بۆرىلەر توپىنى ئەسلىتەتتى. ھەر كۈنى چارلاش ئېلىپ بارىدىغان خىتاي ئەسكەرلىرى نەزىرىدىكى غۇلجا مەھەللىلىرى سىرلىق ۋە قورقۇنچلۇق جاي ھېسابلىناتتى. ئۇلار يىراق جېجاڭ، جاڭسۇ قاتارلىق ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقى تۈركىستانغا كېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىنتايىن قورقاتتى.

 

دەرھەقىقەت ئۇلار ئاتالمىش شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، سۈنىي ھالەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلدى. ئەسكەرلەر، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە بىڭتۇئەن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ۋەتەندە خىتايلارنىڭ بىرەر كۈنمۇ ئارامىدا ياشىيالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.

 

غۇلجا شەھىرىدىكى مەشھۇر تەشلەپكى بازىرىدىن شىمالى يۆنىلىش بويىچە ماڭغاندا، ئۆزبېك مەھەللىسى، دۆلەت  باغ مەھەللىسى، توپ تېرەك مەھەللىسى، تاجىۋاي مەھەللىسى، تۆرەم مەھەللىسى، غوپۇرباي مەھەللىسى، قازانچى مەھەللىسى، كۆنچى، ئۈچ دۇكان، تۆت دۇكان، تۆپىچى مەھەللىسى، تاشكۆۋرۈك مەھەللىسى، ئاغۇ مەھەللىسى قاتارلىق سانجا-سانجاق ئۇيغۇر مەھەللىلىرى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلۇپ ئۆزارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ مەھەللىلەر توپى، گاھ مۇستەھكەم پولات زەنجىرلەر توپىنى ئەسلەتسە، گاھ  مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ،  مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش  ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قاراۋۇللارغا ئوخشايدۇ.

 

بۇ مەھەللىلەر، رىۋايەتلەردىكى يېرىلىڭ تېشىمدەك يېرىلىپ، قانچىلىغان زۇلۇم ۋە قىيىن قىستاق ئازابىدا ئىڭرىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋاقىتلىق بولسىمۇ باش پاناھ بولۇپ كەلدى. مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ پولات قورغان خىتاي قوغلىغان قانچىلىغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى ئوز قوينىغا ئېلىپ ئۇلارغا پاناھلىق بەردى.

 

ئۇيغۇر مەھەللىلىرى تىپ تىنچ ۋە چەكسىز كەتكەن دېڭىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، بارلىق ئىنقىلابلارنىڭ ئوچىقى ئىدى. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى مەھەللە دېگەن نامى بىلەنلا خۇددى خىتايغا قارشى يوشۇرۇن يەر ئاستى تەشكىلاتىغا ئوخشايتتى.

 

ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، كۈلكە چاقچاق، ساز نەغمىلىرى بىلەن بىغەم ۋە بىخۇدتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئويغاق ۋە ھوشيار ئىدى.

بىزنىڭ سانجاق-سانجاق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىمىز خىتاي مۇستەملىكە قىلىۋالغان 60 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.

 

مەھەللىسى بولمىغان مىللەتنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ. ئۆز مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆز نەرسىلىرىدىن تەز يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان توي تۆكۈن نەزىر چىراغ، مەشرەپ، كۈلكە چاقچاق ۋە لەتىپە سورۇنلىرى ۋە پۇتبول سۆيەر روھ، خىتاي سىياسەتۋازلىقى ۋە شوئارۋازلىقىدىن خالى خاسلىقلاردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ  ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردۇر. غۇلجا خەلقى ھەر قايسى دەۋرلەردە بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت ۋە زۇلۇملارنى مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش پۇرىقىغا باي مەھەللىلىرى ئارقىلىق يېڭىپ كەلگەن.

سۆيۈملۈك ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە يىلتىز تارتىپ مۇستەھكەملىنىپ كەلگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى، ئىلى خەلقىنىڭ خىتاي ئېلىپ كەلگەن شۇنچە زۇلۇملارنى يېڭىپ روھى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى يەنە بىر مۇستەھكەم

پولات قورغاندۇر.

 

ئىلى خەلق ناخشىلىرى، ناخشا ئەمەس داستان. ئىلى خەلق ناخشىلىرى ناخشا ئەمەس، خىتايغا قارشى نامايىشلاردا توۋلانغان شوئارلارنىڭ مۇزىكا بىلەن كىرىشتۈرۈلۈشى. ئىلى خەلق ناخشىلىرى ناخشا ئەمەس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرىنىڭ ئاغزاكى ساقلىنىپ قېلىشى.

ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى بىلەن، ئىلى خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىلى چاقچاقلىرى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ جىپسىلىشىپ كەتكەن تەن بىلەن جان. غۇلجا مەھەللىلىرى ئىلى خەلق ناخشىلىرى بىلەن ئىلى چاقچاقلىرىنى يېتىشتۈرگەن تاۋلىغان ئاق باش ئانا.

ئەلۋەتتە خىتاينىڭ غۇلجا شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندىكى ئەندىشىسى، ئۆز ئارا گىرەلىشىپ جىپسىلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئىدى. خىتايلار نەزىرىدە ساپ ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، بۈككىدە، قاراڭغۇ ۋە سىرلىق ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىغا ئوخشايتتى.

خىتايلار بىرمۇ خىتاي ئارىلاشمىغان ساپ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە، نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ئەندىشە ئىچىدە ئىدى. خىتايلار ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە مائاشلىق ئايغاقچىلار ۋە قۇلاقلارنى يەرلەشتۈرۈپمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

بۇ چەنتۇلارنىڭ مەھەللىلىرى خەتەرلىك، ئۇلارنىڭ بۇ توپىنى بۇزۇۋېتىش كېرەك، كۈلىنى ئاسمانغا سورۇۋېتىش كېرەك دەيتتى يۈرەكلىرى ئېچىشقان ھالدا.

 

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بۆسۈپ كىرىش ۋە بۇزۇش چېقىش پىلانىنى تۇنجى بولۇپ 90- يىللاردا غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىدا باشلىدى. ئۇلار خەنبىڭ يېزىسىدا تەرەققىيات رايونى قۇرىمىز دېگەن باھانە بىلەن، دەسلەپتە 40 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ قولىغا 40 مىڭ 50 مىڭ يۈئەندىن پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ بۇ ئالتۇن قوزۇقنى ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاققۇن خىتايلارنىڭ تاۋار  ئۆي سېتىشى ۋە شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيەدە ماكانلىشىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بەردى. بۇ ئاققۇن خىتايلار خەنبىڭ يېزىسىدا يۈزلەرچە ۋە مىڭلارچە تاۋار ئۆيلەرنى سېلىپ، 50 ياكى 60 كۋادرات مېتىرلىق تاۋار ئۆيلەرنى نەچچە يۈز مىڭ يۈئەندىن سېتىپ، شەرقى تۈركىستانغا كەلگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىنتايىن تەز بېيىپ كەتتى. بۇ زېمىننىڭ ھەقدار ئىگىسى بولغان خەنبىڭ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ  بۇ ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيتتى.

ئەسلىدە بۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاتالمىش تەرەققىيات رايونى قۇرىمىز دېگەن شوئار ئاستىدا، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەبگارلاشتۇرۇش ۋە نامراتلاشتۇرۇش خۇددى سۇسىز قاغجىرىغان چۆل جەزىرىدەك تاشلاپ قويۇش ھىيلىسى ئىدى. دېھقان ئەلۋەتتە يەر بىلەن دېھقان.

 

ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىنسانى ھەقلىرىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كەلگەندە، بۇ رايونلاردا تەرەققىيات رايونى قۇرۇشنىڭ ھەقدار ئىگىلىرى يەنىلا ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىدى. ھۆكۈمەت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تەشكىللەپ، پاي قوشۇش، يەر چىقىرىش ۋە ھۆكۈمەت بانكا ياردىمى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇنداق تەرەققىيات رايونلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىغىلى بولاتتى. ئەمما بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان سۇيىقەست ۋە پىلانلار يوشۇرۇنغان ئىدى. مەقسەت ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلاشتۇرۇش.

 

2000- يىلىغا كەلگەندە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش دېگەن نام ئاستىدا، غۇلجا شەھىرىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان ئۈچ دەرۋازا، نوۋىيگۇرت قاتارلىق مەھەللىلەردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ جايلىرىنى ئەرزان باھادا مەجبۇرىي سېتىۋېلىپ، شەھەر يوللىرىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى. ئەسلىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى تارىخى كوچىلارنىڭ ناملىرىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، جاڭسۇ يولى، سىچۈئەن يولى  دېگەندەك ناملارنى قويدى. ئەسلىدىكى بۈككىدە ئاق تىرەكلىك، ئېرىق سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئۈچدەرۋازا كوچىلىرىنى بۇزۇپ دەسسەپ يانجىپ، نۇرغۇنلىغان تاۋار ئۆيلەرنى سېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتاي ئاققۇنلارنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتتى. 2000-يىللاردا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئېلىپ بارغان، شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش سۇيىقەستىدە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋەيران بولدى.

«بۇلۇتلاردىن ھالقىغان تۇلپار» ناملىق كىتابنى يازغان كانادالىق يازغۇچى روبەرت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ  تەرەققىيات رايونى قۇرۇش باھانىسىدە، قەشقەر ۋە غۇلجا قاتارلىق قەدىمى شەھەرلەرنى چىقىۋاتقانلىقىدەك تاكتىكىنى، ئەينى چاغدا ناپاليۇننىڭ پارىژنى ئىشغال قىلىشتا ئىشلەتكەن تاكتىكىسى بىلەن ئوخشاش دەپ يازغان.

 

روبەرتنىڭ قارىشىچە، شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شەھەرلەرنى مۇھاسىرە قىلىشتا تاللىغان ئوڭاي يولى بولۇپ، ئەگەر ئۆز مۇستەملىكە رايونلىرىدا. ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانلار ۋە پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرى سادىر بولغاندا، تاجاۋۇزچى ئارمىيە قىسىملىرى ۋە تانكىلىرىنىڭ شەھەرگە بىمالال كىرىشىگە قۇلايلىق بولىدىكەن. ناپاليۇن ئەينى چاغدا پارىژنى ئىشغال قىلىشتا قوللانغان بۇ شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش تاكتىكىسىنى كېيىن فىرانسىيە، ئالجىرىيە ۋە تۇنىسنى بېسىۋالغاندىمۇ قوللانغان. مۇستەملىكىچىلەر ھەر ۋاقىت مۇستەملىكە تاكتىكىلىرىنى ئۆز ئارا شېرىكلىشىپ كەلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش، غەربنى ئېچىش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش دېگەندەك چىرايلىق ياغلىما سۆزلەر بىلەن،

1-سانجاق-سانجاق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى يوق قىلىدۇ.

2-تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەيدۇ.

 

سۆيۈملۈك ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سەددىچىندىن ھالقىپ ۋەتىنىمىزگە يامراپ كېتىشىنى مۇداپىئە قىلىدىغان پولات قورغان.

 

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارغا قاراتقان مۇستەملىكە سىياسىتى ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنى مۇستەملىكە قىلىش ئۇسۇلىنى پۈتۈن خىتايغا ئۈلگە دەپ قارايدۇ. چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئىچكى موڭغۇلدىكى تەبىئىي يايلاقلارنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، ئىچكى موڭغۇلدا ئىنتايىن خەتەرلىك مۇھىت بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بەدىلىگە، سانسىزلىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكەپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ھازىر ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ئاران 17% موڭغۇل قالغان 83% نوپۇس خىتاي ئىكەنلىكى مەلۇم. تېخى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە موڭغۇل نوپۇسى ئاران 10% گە چۈشۈپ قالغان.

 

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمان شېھىتلىرىدىن، ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت، تۇرسۇن سەلەي، ئابدۇسالام قارىم، ئىبراھىم ئىسمائىل، ئابدۇۋەلى ئابابەكرى ۋە بىز ئىگىلەشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان، نۇرغۇنلىغان قەھرىمان ئۇيغۇر شېھىتلىرىنى، مانا مۇشۇ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر مەھەللىلىرى يېتىشتۈرگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تېررورچى دەپ قوغلاپ كەلگەندە، خۇددى يېرىلىڭ تېشىمدەك يېرىلىپ ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان. 1998-يىلى 26-ئىيۇن ئۇچۇن  توقۇنۇشىدا شېھىت بولغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى قەھرىمان شېھىت تۇرسۇن سەلەينى ئەينى چاغدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ قانداق قوينىغا ئالغانلىقى غۇلجا خەلقىگە سىر ئەمەس.

 

مۇۋەپپەقىيەت ئىنسانغا كۆپ نەرسىلەر ئۆگىتىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما مەغلۇبىيەت كۆپ نەرسىلەر ئۆگىتىدۇ. گەرچە 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى  دەرىجىدىن تاشقىرى ھەربىي كۈچى ئارقىلىق مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن ئاچچىق تەجرىبە ساۋاقلار مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

غۇلجا مەھەللىلىرى، 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىدىن ئىبارەت مىللىي، دىنى ۋە روھى ئويغىنىش ھەرىكىتىنى بەرپا قىلغان يىلتىز. مەن كىم؟ دېگەن سوئال ئاستىدا ئۆز-ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆز-ئۆزىنى سىلكىش، روھىنى يېتىلدۈرگەن مەشھۇر مەشرەپ پائالىيىتى ئەنە شۇ غۇلجا مەھەللىلىرىدە تۇغۇلغان، تاۋلانغان ۋە پارتلىغان.

 

1997-يىلى يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى، غۇلجا شەھىرىدە خىتايلار رايونى ۋە ئۇيغۇرلار رايونى دەيدىغان 2 رايون بەرپا قىلىش ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. ئۇيغۇر خەلقى غۇلجا شەھەر قىزىل بايراق سودا سارىيىنىڭ يۇقىرىسىنى يەنى خىتايلار ئولتۇراقلاشقان ئېچىۋېتىش رايونلىرىنى ياۋروپا، قىزىل بايراق سودا سارىيىنىڭ تۆۋەن تەرىپى يەنى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى بولسا ئاسىيا قىتەسى دەپ تەرىپلىدى.

 

خىتاي تەرەققىيات رايونى شەھەرچىسى بەرپا قىلىش نامى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇپ چېقىپ خانى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرلىكتە، غۇلجا شەھىرىگە كۆچمەن يۆتكەش ئىشىنى يانداش ئېلىپ باردى. بۇندىن 20 يىل ئاۋۋال يەنى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى يۈز بەرگەن مەزگىللەردە، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 300 مىڭ بولغان بولسا ھازىر بىر قاتلىنىپ 600 مىڭغا يەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانىنى تۈزمەكتە.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى، شەھەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش نىشانىغا يېتىش قەدىمىنى ناھايىتى تېزلەتكىنىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن يەنە مەمنۇنىيەت ھېس قىلمىدى. ۋە يېقىندا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كوچا، بازار ۋە رەستىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنىتىنىڭ ماكانى بولغان، غۇلجا شەھەر گەلەنتىر، غۇلجا شەھەر تەشلەپكى بازىرى، غۇلجا شەھەر خىتاي بازىرى قاتارلىق بازار رەستىلەردىكى، كونا ئۇيغۇر سودا تىجارەتچىلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەن ئۇستىلىرىنىمۇ تارقاقلاشتۇرۇپ خىتايلار بىلەن ئارىلاش سودا تىجارەت قىلىشقا قىستىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غۇلجا شەھەر خىتاي بازىرى، گەلەنتىر ۋە تەشلەپكى قاتارلىق قەدىمى سودا بازارلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، زامانىۋى سودا سارايلىرىنى بەرپا قىلىش، شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق باھانە سەۋەبلەر بىلەن، ئۇيغۇر سودا تىجارەتچىلىرىنى خىتايلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن.

 

كانادالىق يازغۇچى روبەرتنىڭ «بۇلۇتلاردىن ھالقىغان تۇلپار» ناملىق كىتابىدا، يېڭى تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش باھانىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمى قەشقەر شەھىرىنى  خانىۋەيران ۋە قىلىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە يەر بېرىلگەن.

 

2005-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى  ۋە ئۇندىن باشقا قەشقەر، خوتەن قاتارلىق بارلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى چەك چېگرا پۈتۈنلەي ئايرىلغان.

بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىن ئەنسىرەش ھېسسىياتى تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان.

خىتايلار ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بىتچىت قىلىپ پاچاقلاپ تاشلىماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىشانىغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ناملىق ھۆججەت تارقاتقان. بۇ سىياسەت بويىچە بولغاندا چوقۇم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار مەجبۇرىي رەۋىشتە ئارىلاش ئولتۇراقلىشىدىغان بولۇپ، بۇ سىياسەت  يەرلىكتە يۈرگۈزۈلگەن شارائىت ئاستىدا، قىسقىغىنە 10 ۋە 15 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، بارلىق شەرقى تۈركىستان شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەھەللىسى دېگەن بىر نەرسە مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن.

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى خانىۋەيران قىلىش، شەرقى تۈركىستاندا خاس ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى كۆزدىن تېزرەك يوقىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ  تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىگە يېقىندىن ماسلاشقان ئۇيغۇر لارغا 80 مىڭ يۈئەن مۇكاپات پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى شەھەرنىڭ غەربى قىسمىغا، يەنى خىتاي ئاھالىلىرى كۆپ بولغان يېڭى شەھەر رايونى، يۇقىرى تەرەققىيات رايونى، تۇدۇڭخابا رايونى ۋە مىدۇڭ رايونلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا باشلىغان. مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ يېقىندىن نازارەت قىلىپ تۇرۇش.

 

تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بەلگىلىمە بويىچە  ئۆي سېتىۋالغان خىتاي ياكى ئۇيغۇر بولسۇن چوقۇم شۇ رايوندا 10 يىلغىچە ئولتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ساتماقچى بولسا، چوقۇم خىتاي-خىتايغا، ئۇيغۇر-ئۇيغۇرغا سېتىشى كېرەك. بۇ سىياسەت بويىچە بولغاندا بىر ئولتۇراق بىنا 50% ئاكا مىللەت خىتايدىن، قالغان 50% تى باشقا مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇشى كېرەك. بۇ بەلگىلىمىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى 3 ئەۋلاد سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولۇش دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ بۇنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. چۈنكى خىتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە ئاققۇن بولۇپ كېلىش تارىخىدا 3 ئەۋلاد بولۇش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن خىتايلار ناھايىتى ئاز. بۇ بەلگىلىمىدە يەنە، 3 ئەۋلاد سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن دېگەن ماددىنى ئالاھىدە كىرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچ ئامانلىقىنى  ئالاھىدە قوغداش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ بۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنىلا 2-سىنىپ مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. چۈنكى تۈرمىلىرى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن خىتاي جەمىيىتىدە، سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېگەننىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىدىغانلىقى ھەممىگە تونۇش بىر لوگىكا.

 

خىتاي شەرقى تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلغان ئاز كەم 70 يىل جەريانىدا، ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي كەلدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى، ئاتالمىش شەھەر تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش، زامانىۋى كوچا بازار بەرپا قىلىش قاتارلىق چىرايلىق ناملار ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋامى دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلىشىشى  خىتاي ئۈچۈن بىر مۈشكۈل مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.

مەسىلەن خىتاي بۇ سىياسەتنى ئۈرۈمچىدە 80 مىڭ يۈئەن مۇكاپات پۇلىدىن ئىبارەت يەمچۈك تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرالىدى دېگەن تەقدىردىمۇ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ۋەتەننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى يەنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار كىشىلەر ياخشى بىلىدۇكى، بۇ شەھەرلەردە ھېلىغۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى تەكشۈرۈلىدىكەن، ھەتتا 10 ئەۋلاد تەكشۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ خىتايلار، ئۇيغۇرلار بىلەن بىلەن بىر رايوندا قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇشتىن ئۆزلىرىگە ۋەھىمە ھېس قىلىشىدۇ. ئېنىقكى بۇ تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە يەنىلا ئاقمايدۇ. بۇ سىياسەتنى بۇزغۇچىلار خىتايلار بولىدۇ.

مەن يۇقىرىدىكى بۇ كەسكىن جۈملىلەرنى، 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى يۈز بەرگەن چاغدىكى غۇلجا ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەزملەشتۈرمەكتىمەن.

1997-يىلى غۇلجا 5- فېۋرال ئىنقىلابى يۈز بەرگەندە، غۇلجا شەھىرىدە، ئىلى ھەربىي رايونى، ئىلى ئوبلاستلىق زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوراللىق ئەترىتى، ئىلى ئالاھىدە ۋەقەلەرگە قارشى تۇرۇش قوراللىق ساقچى ئەترىتى، بىڭتۇئەن ھەربىي قىسمى، 8667 قىسىم قاتارلىق 100 مىڭدىن ئارتۇق ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان ھەربىي قىسىم، 300 مىڭ نوپۇسى بار كىچىككىنە خىلۋەت شەھەر غۇلجىنى قورشاۋغا ئالغان ئىدى. بۇ قوراللىق قىسىملارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلاردىن ھەزەر ئەيلەش، قوغداش ۋە مۇداپىئە قىلىش ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۆي ماكانىنى تاشلاپ ئىچكىرىگە كېتىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك داشىجىئە قاتناش بېكىتىگە كېلىپ يېتىۋالغان خىتايلار ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلغان ئىدى.

بۇ خىل ئەھۋال 1974-ياكى 1975-يىللىرىدىمۇ ھاسىل بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. يەنى ئەينى يىللاردا، سوۋېت ئىتتىپاقى بومبا تاشلايدىكەن دېگەن گەپ-سوز چۆچەكلەر تارقالغان، خەندەك كولاش ئەۋج ئالغان يىللاردا، خىتايلارنىڭ قورقۇپ ئىچكىرىگە قېچىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكەتلىرى، قانچە كۈنلەپ ئۇزۇن ئۆچىرەتلەردە تۇرۇپ كەتكەن خىتايلار بىلەن ئالدىراش بولغان ئىكەن.

ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك بولىدۇ ھەر جايدا، ھەر ماكاندا
خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايغا كۆچمەن چاقىرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي يىگىتلىرىگە ئۆيلىنىشكە قىستاۋاتىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۇل بىلەن سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ يەنى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئادەتلىرىنى، ئار نومۇسى ۋە غۇرۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەخسى ھېسسىياتلىرىنى يالت-يۇلت قىلىدىغان تاۋار دۇردۇنلار بىلەن يۆگىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىر نۇقتىغا سەل قاراۋاتىدۇ روھى مەسىلىلەرگە سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتكە سەل قاراۋاتىدۇ. بۇ نۇقتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ شۇنداق. قوشماق تۇغقان سىياسىي دەيدىغان سۈنىي تۇغقاندارچىلىق، مەجبۇرىي بىر بىنادا قوشنا قىلىش سىياسىتى، شۇنداقلا دوقمۇش دوقمۇشتىكى تەكشۈرۈش چارىلىرى ۋاھاكازالار، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھامان بىر كۈن خىتايلارنىمۇ بىئارام قىلىدىغان بىر باش ئاغرىقىغا ئايلىنىشى ۋە ئالە شەھىرىڭنى دەيدىغان نۇقتىغا ئەكېلىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى تۇغقان ۋە ئالتۇن بۆشۈكىدە ئەللەيلەپ يېتىشتۈرگەن مۇستەھكەم قورغان.

ئەگەر مەھەللىلىرىمىز قولدىن كەتسە ھەممە نېمىمىز قولدىن كېتىدۇ.

 

2000-يىللاردىن كèيىن غۇلجا شەھرىگە شەھەر باشلىغى بولۇپ كەلگەن جائو بائو خۇئا ئىسىملىك بىر خىتاي، غۇلجا شەھرىدىكى مەھەللىلەرنى بۇزۇپ چèقىش ئىشىنى ناھايىتى رەھىمسىزلەرچە èلىپ بارغان خىتاي مۇستەملىكە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ غۇلجا شەھرىدىكى مۇھىم رايۇنلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خèرىدار چاقىرىپ سèتىشتا داڭ چىقارغان. ئۇ غۇلجا شەھرىگە يèقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرىگە ئىگە خەنبىڭ يèزىسى بىلەن، شەرقمەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى ئەرزان باھادا سèتىۋèلىشنى سىياسەتلەشتۈرگەن.

2010-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئۆز شىكايىتىنى ئاڭلاتقان غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يèزىسىلىق مەرزىيەم ئىسىملىك بىر ئايال، قورۇ جايىنىڭ جائو بائو ھۇئا تەرىپىدىن ناھايىتى ئەرزان باھادا مەجبۇرى تارتىۋèلىنىۋاتقانلىغى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. ئۇنىڭ èيتىپ بèرىشىچە، ئۇنىڭ قورۇ جايىنى تارتىۋèلىش ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى قوراللىق كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەلپازى بەك يامان بولۇپ، سەللا چاتاق چىقسا èتىپ تاشلايدىغاندەك ئەھۋالدا بولغان.مەرزىيەم خانىم يەنە ئەھۋال بىلدۈرۈپ، مەجبۇرى تارتىۋèلىشنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ، يانفۇن ئىشلىتىشنى قەتئى چەكلىگەنلىگىنى، يانفۇن ئارقىلىق رەسىمگە تارتىش ۋە ياكى تèلىفۇندا سۆزلىشىش مەنئى قىلىنغانلىغىنى سۆزلەپ بەرگەن. دىمەككى خىتاي دائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى مەجبۇرى تارتىۋèلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىğئىنى ساخلايدىغان بىردىن بىر قورغىنى ھèساپلانغان مەھەللىلىرىنى خانىۋەيران قىلىۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت بۇ جىنايى قىلمىشىنى دۇنيانىڭ بىلىپ قèلىشىدىن ئەندىشە قىلغان. مەرزىيەم خانىم يەنە مۇخبىرغا يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قورۇ جايىنى ئەرزان باھادا ھۆكۈمەتكە ساتمايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەندە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىنتايىن قوپاللىق قىلغانلىغىنى ۋە ئۇنى تەپكەنلىگىنى بىلدۇرگەن.

 

ۋەتىنىمىزگە بèرىپ، نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا،بۇلۇتلاردىن ھالقىغان تۇلپار ناملىق كىتاپنى يازغان روبèرت ئۇيغۇرلارنىڭ نوۋەتتە نىمە قىلىشى كèرەكلىگى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:

 

”ئۇغۇرلار ھىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش ۋە ئاڭلىتىش ئۈچۈن،يالغۇز ھۆكۈمەتلەر ۋە سىياسىئونلارغىلا ئاڭلىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئادەتتيىكى خەلقلەرگە ئاڭلىتىش خىزمىتىگىمۇ ئالاھىدە ئاھمىيەت بېرىشى،يەنى ئۇيغۇر بولمىغان باشقا ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشى،كۆپلەپ دوست تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەيلى ئامېركا، كانادا ۋە ياۋرۇپادا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن يەرلىك خەلقلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىشى ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەخۋاللارغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان خەلقارادىكى ھەرخىل تەشكىلاتلار ۋە گۇرپىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلار يەنە خەلقارادىكى ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ،ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش بانىسىدا، ئېغىر ئەمگەك ۋە ئەرزان باھادا ياش قىز يىگىتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تىل، ئۆرىپ ئادەت قاتارلىقلار ھىچقانداق ئوخشىمايدىغان خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقانلىغىدەك پاكىتلارنى قەرەللىك ھالدا يوللاپ تۇرۇش كېرەك“.

 

Share
1450 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.