logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەمدە دۇق ۋە باشقا تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ خەلقارادىكى پائالىيەتلىرى.

قەھرىمان غوجامبەردى  (سىياسەتشۇناس)

1. خەلقارا ۋەزىيەت كونتېكىستىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى.

2018-يىلى كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرىستاندا (شەرقىي تۈركىستاندا) ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ تىلىنى، دىنىنى، مائارىپىنى، ئىلىم-پەنىنى، ئومۇمەن كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيىتىنى خىتايلاشتۇرۇشنى، يەنى مەدەنىي گېنوسىت يۈرگۈزۈشنى، 3 مىليوندەك يەرلىك خەلق ۋەكىللىرىنى، يەنى زېمىن ئېگىلىرىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىدا، يېپىق تۈرمىلەردە قىرغىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش ھەرىكىتىنى ئەتراپلىق ئېلىپ باردى. قەدىمكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن 2018-يىل زورلۇق-زومبۇلۇققا تولغان كۈلپەتلىك بىر يىل بولدى.
لېكىن ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋاكالىتەن خەلقارادا ئەدلىيەۋىي ئېتىراپ قىلىنغان ۋە سىياسىي ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە لىدېرلىق رول ئويناۋاتقان دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) تەشەببۇسكارلىقىدا ۋە چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، شەخسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش قىلىش، ئىمزا توپلاش، گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇزۇن مۇساپىلەرگە يۈرۈش قىلىش، مۇراجىئەت مەكتۈپلەر يېزىش قاتارلىق شەكىللەردە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقارا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ (ئائاۋ) دىققىتىگە ئېرىشتى ھەمدە بدت دا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ياۋروپا پارلامېنتىدا (يپ) مەخسۇس قارار ئېلىندى، ئامېرىكا كونگرېسسىدە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرىدا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە كۈنتەرتىپكە كەلدى. مەسىلەن، دۇقنىڭ 2018-يىلى 6-نويابىردە جەنۋە شەھىرىدىكى بدتنىڭ ئىدارىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشى ۋە بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىدارىسىدە ئۆزى چاقىرغان خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى قاراش ۋە مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ھەمدە دۇق نىڭ تەشكىللىشىدە 8-10-نويابىر كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي كېڭىشى پائالىيەتلىرىنىڭ ئىجابىي ئاقىۋىتى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ غەرب ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرى ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پەيدا بولغان قوشۇمچە خەلقارالىق ئاخبارات دولقۇنى، شۇنداقلا مىللىي كېڭەشتە مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورتاق پىكىرگە كەلگەن ئاكتۇئال مەسىلىلەر، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىپ تولۇقلىنىشى، دۇق سىياسىئونلىرىنىڭ، ئالىملارنىڭ، دىنىي زاتلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۆلىمالارنىڭ ۋە 22 دۆلەتتىن كەلگەن 32 تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان 250-تىن ئارتۇق مىللىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارا بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ئورنىتىشى ۋە ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن سىياسىي-دىپلوماتىيەۋىي خاراكتېردىكى ئورتاق پائالىيەت خىتاپنامىسىنى قوبۇل قىلىشى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقەدۇر. مەزكۈر ۋەقەلەر كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. شۇڭا، 2017-يىلقى دۇقنىڭ پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيىدا، ئىچكى ئىختىلاپقا ۋە ئۇيغۇرىستاندىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) پەۋقۇلاددە ۋەزىيەتكە جاۋابەن مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقارادا دۇققا قارشى ھىيلە-نەيرەڭ ۋە جاسۇسلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئەمما يۇقىرىدىكى جەنۋە ۋە ميۇنخېن ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتەن بېيجىڭ دەرھال خەلقارا پرىنسىپ ۋە نورمىلار دائىرىسىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەر شارى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دۇققا، ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى تەشكىلاتلارغا ۋە ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەرگە، خەلقارا ئىنسان ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا قارشى دەھشەتلىك بېسىم ئىشلىتىش ۋە زەربە بېرىش كامپانىيەسىنى مەخپىي ۋە ئوچۇق دۇنيا مىقىياسىدا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىشنى كەڭ قانات يايدۇردى. چەتەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ۋە ئۇنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان دۇققا زەربە بېرىش، ئۇنى يوق قىلىش قانۇنسىز يوشۇرۇن ۋە ئوچۇق ھەرىكىتىنى، 2009-يىلدىن بېرى چەتەللەرگە قاچقان 20 مىڭدەك قاچاقلارنىڭ ئارىسىغا، تەخمىنەن نەچچە يۈزلىگەن جخم، دبم قاتارلىق مەخسۇس ئورگانلارنىڭ ماشكىلىرىنى، جاسۇسلىرىنى ھەمدە 1990-يىللىرىدىن بېرى چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن پايلاقچىلىرى ئارقىلىق دۇنيا مىقىياسىدا قاتتىق قوللۇق ۋە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بىر مەركەزدىن كەسپىي ئاساستا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ چەتەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قارىتىلغان زەربىسىگە بەردەشلىق بېرىشنىڭ، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنى تامامەن سۇسلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
1) پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار، قايسۇ تەشكىلاتتا بولسۇن ياكى ھېچبىر تەشكىلاتتا بولمىسۇن كۈرەش تىغ ئۇچىنى مۇستەملىكىچى ۋە باش دۈشمەن كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەقىپلەش ئورگانلىرىغا قارىتىش؛
2) مەلۇمكى، تاسادىپىي ھەرخىل سىياسىي-ئىجتىمائىي ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەريانلاردىكى ئامىللار بىلەن دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى يۈز بېرىدۇ ۋە ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1991-يىلى 15 دۆلەتكە پارچىلىنىشى ۋە كېيىنكى 27 يىلنىڭ ئىچىدە يەنە ئوندەك مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى. ئاساسىي پرىنسىپ – مۇستەقىللىقنى سوراپ ئالمايدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرى كېيىنكى ۋاقىتتا سەھنىگە غەرەزلىك مەقسەتتە چىقىرىپ قويغان سۈنىي ”مۇستەقىللىق“ مەسىلىسى ئەتراپىدە تورلاردا، شەخسىي ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەۋجىگەن گەپ، دەلىل-ئىسپاتسىز مىللىي پائالىيەتچىلەرارا ھاقارەت ۋە تۆھمەت ”كۈرىشىنى“ دەرھال توختىتىش؛
3) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمانلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىگە قارشى – ھەر تەشكىلات، ھەر كىم ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدا، ئەمەلىيەت تەلەپ قىلغان يېڭى ئۇسۇل ۋە مېتودلار بىلەن ۋە مۈمكىنچىلىك بولسا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قېتىرقىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش؛
4) خىتاي ماشكىلىرىنىڭ، جاسۇسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي پائالىيەتچىلىرىگە قارشى پاش بولغان پاكىتلىق، ھۆججەتلىك ھەرىكەتلىرىنى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى ۋە سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش.
ھالبۇكى، دۇق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىدا ۋە يېپىق تۈرمىلەردە يېتىپ چىققان شاھىتلارنىڭ ھەمدە چەتەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، مۇخبىرلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى دەھشەتلىك تەقىپلەش، قىرغىنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى پاش قىلىدىغان ھۆججەتلىك دوكلاتلىرىنى، بەرگەن پاكىتلىق گۇۋالىرىنى، ئانالىزلىق ماقالىلىرىنى رەت قىلىش، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلاش ھەمدە بۇ پاكىت ۋە ھۆججەتلەرنىڭ خەلقارادىكى تەسىرىنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى مۈمكىن بولغان قاتتىق بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بېيجىڭ ئۈستىگە چىققان ساختىپەزلىك قىلىش، ھەقىقەتنى رەت قىلىش، كۆز بوياش ۋە ئويدۇرما سپېكتاكل قويۇش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دۇنيانى ئالداشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دۇق ئىجرائىي كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات دېكابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكىدا ئاگاھلاندۇرۇش ماقالە يازغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى تاللىغان ۋە ئىككى ئايغا يېقىن ھەرتەرەپلىمە تەييارلىغان، شۇ جۈملىدىن تۇتقۇنلىرى قىسمەن ئۆزلىرىگە مايىل كىشىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇلغان جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا چەتەل دىپلوماتلىرىنى تەكلىپ قىلدى. لېكىن ئۇيغۇرىستاننى زىيارەت قىلىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىگە 2018-يىلى دېكابىرنىڭ بېشىدا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا (ئۇئار) بېرىشنى ۋە پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى، جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق 15 غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەكلىپ قىلمىدى. ئەكسىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تاللىغان: پاكىستان، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، مالايشىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنى، بىر قىسىم مۇخبىرلارنى 28 – 30- دېكابىر كۈنىلىرى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالدىن-ئالا تەييارلىغان «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى»نى زىيارەت قىلغۇزۇش ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ھەرىكەت قىلدى. مىڭ ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەييارلىغان «سپېكتاكل» بىلەن ئۇنىڭ ئالدامچى خالتىسىغا چۈشتى. چۈنكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي ئائاۋ غا بەرگەن سۆھبىتىدە بېيجىڭنىڭ سىياسىتىنى قىسمەن قوللىدى، بەزىلىرى دىپلوماتىيەۋىي ئەزمە گەپلەرنى قىلدى. بەزىلىرى بولسا خىتايدەك دۆلەتكە ھەقىقەتنى دېيىشتىن قورقۇپ سۆھبەتتىن قاچتى. شۇنىمۇ ئاتاپ ئۆتۈش لازىمكى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئورالمانلارنىڭ «ئاتا ژۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرىدىكى ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى ھەققىدە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئائاۋ ئارقىلىق خەۋەر قىلدى. لېكىن بۇلار تېخى قازاقىستانغا كەلمىدى. ھازىرقى دۇنياۋىي ۋەزىيەت 2019-يىلى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقارادا جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. شۇڭا ئۆتكەن ئايدىكى دۇق ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە شەرھلەيمىز.

2. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ يانۋار ئېيىدىكى پائالىيەتلىرى.
دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ رەھبەرلىگىدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى»نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (ۋمت، UNPO) نىڭ خادىمى لۇسىيە خانىمدىن تەركىپ تاپقان توپ 2019-يىلى 8-يانۋار كۈنى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا (يپ) ئۆز زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇلار شۇ كۈنى يپ نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدە بولۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، تۈرمىلەردىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، شۇ جۈملىدىن تۈرمىدىكى دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى. دۇق رەئىسى باشلىق ۋەكىللەر 9-يانۋار كۈنى يپ نىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، شۇ جۈملىدىن پارلامېنتتىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن يپ دە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن، يپ نىڭ بەزى ئەزالىرى زىيالىي ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئويلايمەنكى، دولقۇن ئەپەندى باشلىق دۇق يپ دىكى دوستلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرىستاندىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ئىرقىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقلارغا قارشى ھەرتەرەپلىمە پىلانلانغان ھەرىكەتلەرنى قېتىرقىنىپ ئېلىپ بارسا، ئۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئېنىق نەتىجىسىنى، ئۇلۇق ئاللاھ خالىسا، بىيىل كۆپ كۆرىمىز.
21 – 23-يانۋار كۈنلىرى دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئۇ 21-يانۋار كۈنى لوندوندا دۇق ۋەكىلى ۋە ئاتاقلىق ناخشىچى رەھىمە ماھمۇت خانىم بىلەن بىرگە ئۇلۇق برىتانىيە پادىشاھلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ستۇدېنتلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەردى. شۇ كۈنى دولقۇن ئەپەندى يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى، شۇ جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى بويىچە سۆھبەتلەشتى. شۇنداقلا دولقۇن ئەپەندى ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان بېكىر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى. دۇق رەئىسى لوندوندىكى مەركىزى مەسچىتنى زىيارەت قىلدى. ئەندى 22-يانۋار كۈنى دولقۇن ئەپەندىم ياۋروپىدىكى تەسىرلىك ئىسلامى تەشكىلاتلارنىڭ: «بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار مەجلىسى»، «مۇسۇلمانلارغا ياردەم» قاتارلىقلارنىڭ مەسۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى دىنىي تەقىپلەشلىرىگە، شۇ جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىغا قارشى مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشنى تەكلىپ قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى ۋە ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى. زىيارەت جەريانىدا دولقۇن ئەپەندى رەھىمە خانىم بىلەن بىرگە، لوندوندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان «روھىنگالارغا ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە توختالدى. مۇھىمى دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىدىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللەر پالاتاسى 29-يانۋار كۈنى «شىنجاڭدىكى ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە» ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرىنچى قېتىم تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەنگلىيە پارامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كېلىش مۈمكىنچىلىكى ئۆستى.
2017-يىلى ئىيۇلدا 5 نەپەر ئۇيغۇر، تۈركىيە چېگراسىدىن بۇلغارىيەگە قانۇنسىز كىردى دەپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. ئۇلارنى بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى تەرپىدىن خىتايغا قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان دۇق رەھبەرلىرى دەرھال بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ جەرياننى توختاتتى. ئاخىرى دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بدت، ياۋروپا بىرلىكى (يب) ۋە باشقا خەلقارا تەشكىلاتلار، دىپلوماتلار بىلەن كۆپ قېتىم مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ نەتىجىسىدە بىيىل 24-يانۋار كۈنى بۇلغارىيە سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ ئەركىنلىككە چىقاردى. دولقۇن ئەپەندى 5 نەپەر ئۇيغۇردىن ھال سوراش ۋە يوليورۇق بېرىش ئۈچۈن دەرھال بۇلغارىيەگە ئۇچۇپ باردى.
08 – 13-يانۋار كۈنلىرى ئاتاقلىق دىنىي پالىيەتچىلەر: ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى (شتمھج) رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ (شتۆب) رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شايار، مۇئاۋىن رەئىسلىرى – سىراجىدىن ئەزىزى، ئابدۇسالام ئالىم قاتارلىق 6 كىشىلىك ھەيەت مالايشىيەنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار زىيارەت جەريانىدا مالايشىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇپتىسى، ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، ئاسىيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى مالايشىيە شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى، ئىسلام تەتقىقات مەركەزىنىڭ ئالىملىرى ۋە بەزى جەمىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ مەسۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى. سۆھبەتلەر جەريانىدا، دۇق بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۆمىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، شۇ جۈملىدىن دىنسىز كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى قانۇنسىز ئىسلام دىنىنى تەقىپلەش، ئۇنى خىتايلاشتۇرۇش، مەسچىتلەرنى چېقىش، ئومۇمەن مۇقەددەس دىنىمىزغا قارىتىلغان چېكىدىن ئاشۇرۇپ تەقىپلەش ۋە جازالاش مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇسۇلمان مالايشىيەنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىگە، ئالىملىرىغا ۋە ئەمەلدارلىرىغا ھۆججەتلىك مەلۇماتلار بەردى ھەمدە ئۇلارنى خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى تەقىپلەش سىياسىتىغا قارشى تۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. شۇنداقلا زىيارەت جەريانىدا ئۆمەك ۋەكىللىرى دۆلەتتىكى بەزى مەسچىتلەردە، ئىسلام مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى. مەسىلەن، دىنىي ئۆلىمالار: سىراجىدىن ئەزىزى، ئابدۇسالام ئالىم مەسچىتلەردە جۈمە خۇتبىسى ئوقۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شەرھلىدى. بىر ۋاقىتتا دىنىي ھەيەت ۋەكىللىرى مالايشىيە ئائاۋ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيەتنىڭ مەزكۈر پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مالايشىيەنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئەشەددىي دىنىي تەقىپلەشلىرىنى پاكىتلىق ئاڭلىتىشتا، مايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مالايشىيەدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن شەكىللىنىۋاتقان مەنپەئەتلىك ۋەزىيەتتىن دۇق ئوڭۇشلۇق پايدىلاندى. دۇق نىڭ تەشكىللىشىدە، ئۇنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ۋە دۇق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇندىن تەشكىل تاپقان ئۆمەك 14 – 16 ۋە 19-يانۋار كۈنلىرى مالايشىيەدە زىيارەتتە بولدى. دۇق ھەيىتى مالايشىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋان ئەزىزە خانىم بىلەن سۆھبەتتە بولغان. ئۇ دۇق ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆمەك يەنە ئىككى مىنىستىر بىلەن، شۇ جۈملىدىن دىنىي ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. زىيارەت جەريانىدا دۇق ئۆمىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مالايشىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇش ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن ھەم قوللاشقا ئېرىشكەن. شۇنداقلا ئۇلار مالايشىيە ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ياش ۋەكىللىرى، ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ مەسۇللىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. مۇھىمى دۇق ئۆمىكى ۋەكىللىرى 18 جەمىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇلار «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى»نى قۇرۇش توغرىلىق قارار ماقۇللىغان.
مەزكۈر دۇق ھەيىتى 17-18-يانۋار كۈنلىرى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتا شەھىرىدە زىيارەتتە بولدى. زىيارەت جەريانىدا ئۇلار ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئاساسلىق ئاممىۋىي ھەمدە چوڭ دىنىي تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئەڭ مۇھىمى 19-يانۋار كۈنى دۇق ئۆمىكى جاكارتادىن مالايشىيەنىڭ كۇئالا لومپۇر شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە بىر ئىشخانا تەسىس قىلدى. دۇق ئۆمىكىنىڭ مالايشىيەدەك تەسىرلىك بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە ئىشخانە قۇرۇشى ۋە پارلامېنتتا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇشقا ئاساس سېلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇتۇق.

3. ئامېرىكا كونگرېسسىدە «ئۇيغۇر ئىنسان ھوقۇقى سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ قايتا تونۇشتۇرۇلىشى.
25 كونگرېسسمېن ئىمزالىغان مەزكۈر قانۇن لايىھىسىنى 17-يانۋاردا كېڭەش پالاتاسىنىڭ (سېنات) ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركو رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ (پالاتا پرېدستاۋىتېلېي) ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت تەرىپىدىن كونگرېسستىكى ھەر ئىككى پالاتالاردا تونۇشتۇرۇلدى. ئەسلى دۇقنىڭ ۋە ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ئامېرىكىلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھۆججەتلىك دوكلاتلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بۇ ۋە يەنە بىر ئۇيغۇرلارغا بەك مۇھىم ھۆججەتلەر 2018-يىلى ئۆكتەبىردە موشۇ ئىككى كونگرېسسمېنلار تەرىپىدىن كونگرېسستا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما نويابىردە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتلار تامامەن كۆپچىلىكنى تەشكىللىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىيىل بۇ قانۇنلار لايىھىسى ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدە سېناتور ماركو رۇبىئو مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق خەلقلەر قامالغان «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ۋە بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە مەسۇلىيىتى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەلەمدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك». ئەندى كونگرېسسمېن كرىستوفېر سىمىت بولسا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى ھەم مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ۋە ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت بىر قەبىھ ھەرىكەتنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق جىنايەتلەر سادىر بولۇۋاتقان ئىكەن، بىز قەتىي سۈكۈتتە تۇرالمايمىز» (RFA – ئەئار). ئەگەر بۇ لايىھەلەر قوبۇل قىلىنىپ، قانۇنلارغا ئايلانسا، ئامېرىكىغا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنىڭ ئۇيغۇرىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى بېسىم ئىشلىتىشكە، جازا لاگېرلىرىنى تارقىتىشقا مەجبۇرلەشكە ۋە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر تەقىپلەشكە مەسۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىنى خەلقارادا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا، شۇ جۈملىدىن «خەلقارا ماگنېتسكىي قانۇنى» دائىرسىدا جازالاشقا يول ئېچىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئالىي ئورگانلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرىدۇ.

قەھرىمان غوجامبەردى. سىياسەتشۇناس، 2019.01.31، cacharman@gmail.com.

Share
1314 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.