logo

trugen jacn

« ئۇيغۇر مەسىلىسى » نىڭ ھەل بولۇشىدىكى ھالقىلىق ئامىل خىتاي ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش

نەزەر

 

خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى ئامېرىكا-خىتاي-تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ياكى خەلقئارانىڭ خىتايغا كىشلىك ھۆقۇق جەھەتتىن قاتتىق بېسىم قىلىشى ياكى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق  ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. چۈنكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بولسا خەلقئارالىق قانۇنلار بۇيىچە ئېلىپ بىرىلىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى « ئۇيغۇر مەسىلىسى » بىلەن بىۋاستە چېتىشلىق بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خورلىنىشى ئامېرىكا-خىتاي-تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە بولماستىن، بەلكى خىتاي كومھۆكۈمىتى بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە.

« ئۇيغۇر مەسىلىسى » دە كىشلىك ھوقۇق جەھەتتىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا بەرگەن تەنقىد، ئەيىبلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى ئاساسەن ئېغىزدا ياكى قەغەزدە قالىدىغان ئىشلار بولۇپ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي كومپارتىيىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۋاتقانلىقىنى ھەرگېز ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداق بولۇشىنى كومپارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە خىتاي مەدىنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى بەلگىلىگەن.

نۆۋەتتە « ئۇيغۇر مەسلىسى » نى خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى يوق. چۈنكى ھازىرقى خىتاي سەككىز دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى خىتايغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان چاغدىكى خىتاي بولماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادا ئىككىنچى قودرەتلىك دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەربىي جەھەتتىمۇ نىسپەتەن كۈچلۈك بىر دۆلەت. شۇڭلاشقا ھەربىي جەھەتتىن باشقا دۆلەتلەردىن ياردەم كۈتۈش تىكەستە بەنى بىر ئىش.

« ئۇيغۇر مەسىلىسى » نىڭ ھەل بولۇشىنىڭ بىردىن بىر ئۈنۈملۈك چارىسى خىتاي كومھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر ھالدا ئاجىزلاشتۇرۇش. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان « خىتاي ۋىروسى» نىڭ دۇنياغا بىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتقانغا ئوخشاش، دۇنيا خەلقىگە خىتاينىڭ دۇنياغا بىر بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن كەڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ، خىتاي بىلەن سودا قىلغاندا « كىشلىك ھۆقۇق مەسىلىسى» نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادى تاشقى سودىغا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان ئىقتىساد بولغاچقا، خىتاي ئىقتىسادى تاشقى سودىدىن ئايرىلسا، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋەيران بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدە كەسكىن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشنىڭ ئۈمىد چىراغلىرى يېقىلىشى مۇمكىن.

2020-يىلى دېكابىر

Share
1200 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.