logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىشنىڭ قورقۇنۇچلۇق سىگنالى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قورقۇنۇچلۇق خەۋپ

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىشنىڭ قورقۇنۇچلۇق سىگنالى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قورقۇنۇچلۇق خەۋپ

 

خىتاينىڭ “شىنجاڭ گېزىتى ۋە “تەڭرىتاغ تورى” دا 2018.يىلى 2.ئاينىڭ 26.كۈنى (دۈيشەنبە) كورلىدىن چەرچەن ناھىيىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن تۇرسۇن باقى ئىسىملىك بىر كوممۇنىست غالچا 578 كىشى قاتناشقان خىتاي بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىدا “مەن ئىسمىمنى با خۇڭ ۋېي دەپ ئۆزگەرتتىم. مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى رەسمى ئىسمىم باخۇڭۋې،دەپ قىزىل بايراق ئالدىدا قەسەميات قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىش پىلانىنىڭ قورقۇنۇشلۇق سىگنالدۇر

ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىسىدە بولىشى كېرەككى، 2017.يىل 3- 4. ئايلاردا ناھىيە ۋە ئىدارە جەمىيەتنىڭ مۇئاۋىن سېتىرتارى بولغان بىر نەچچە ئۇيغۇر مۇناپىق شىنجاڭ گېزىتى ۋە تەڭرىتاغ تورىدا“مەن مۇسۇلمان ئەمەس، ئۇيغۇر” دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا چىن چۇۋەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق قورچاق خەلق قۇرۇلتىيىغا “ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزام” نى ماقۇللاتتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانى مەۋجۇدىيىتىگە قارشى سىياسى، ئىجتىمائىي، قۇراللىق كۈرەشنى باشلىۋەتتى. يۇرتىمىزدا “ئاپتونومىيە قانۇنى”نى ئىجرا قىلىشقا شىددەت بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن چۈيداڭۋى دېگەن جاللاتلار ئۆگىسى “ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى نىزام”نى شىددەت بىلەن ئىجىرا قىلماقتا. بۈگۈن ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىگە،ھەتتا يېزىلىق ھۆكۈمەت، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورگانلارغىمۇ ئاياللارنىڭ نورمال ياغلىق چىگىپ كىرىشى مەنئى قىلىنىپلا قالماي، ئەرلەرنىڭ دوپپا، تۇماق بىلەن كىرىشمۇ مەنئى قىلىندى. كۈرەشنىڭ تىغ ئۈچى ئىسلام دىنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ ئادىتىمۇ خىتاينىڭ ئالدىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددى مەسىلە بولۇپ كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى، ياشلارنى خىتايچە كىيىم كىيىشكە، خىتاي ئاشخانىلىرىدا تاماق يېيىشكە، كىشىلەرنى ئۇيغۇرچە ناخشا ئورنىغا خىتايچە ناخشا ئېيتىشقا ئادەتلەندۈرۈشكە باشلىدى. ئوبورنىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالغانلارنىڭ بۇرنىغا سېسىق پۇراق پۇرىماس بولۇپ قالغاندەك، ۋەتەندىكى بىرمۇنچە قېرىنداشلىرىمىز مۇقەددەس ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ئاياق ئاستى قىلىش بەدىلىگە خىتايچە مەدىنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ھاقارەت ھېس قىلمايۋاتقانلىغى كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتمەكتە

نۆۋەتتە خىتاينىڭ يېڭى باسقۇچتىكى پىلانى ئۇيغۇرچە ئىسىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئىسىم قوللىنىشنى قانۇنلاشتۇرۇش. ئۆتكەن يىلى خىتايلار رەسمى ھۆججەت تارقىتىپ قۇرئانى كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ئىسىملارنى چەكلىگەندە، ئىككىنچى باسقۇچتا ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئىسىم ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش پىلانى بارلىغىنى ھېچبىر ئۇيغۇر خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ھازىر تۇرسۇن باقى ئىسىملىك بىر مۇناپىقنى ئۆلگە يارىتىپ، بۇ مۇناپىق گۇيا ئۆزلىگىدىن ئىسمىنى با خۇڭ ۋېي قىلىپ ئۆزگەرتكەن كۆرسىتىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدى. باخۇڭۋېينىڭ مائاشى، ئەمىلى ئۆستۈرۈلگەنلىكى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، قاتىل چىن چۇۋەنگو بۇ مۇناپىقنى قوبۇل قىلىپ ئالاھىدە مۇكاپات بېرىدۇ ۋە خىتاي مەدياسىدا كەڭ كۈلەمدە تەشۋىق قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئارقىدىنلا ئونلاپ، يۈزلەپ مىللىي مۇناپىقلار “مەن مۇسۇلمان ئەمەس، ئۇيغۇر ئەمەس. جۇڭگولۇق” دەپ ئىسمىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتكىلى باشلايدۇ. مۇۋاپىق شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە خىتايلار، ئۇيغۇرلۇقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىدىغان قەبىھ ۋاستىنى ئىككىلەنمەستىن ئىجىرا قىلىشقا باشلىشى مۇمكىن

ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى ئۇيغۇرلار دىققەت قىلمايۋاتقان شۇ نۇقتا بولماقتا؛ خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر “تەربىيەلەش كۇرۇسى” دەپ ئاتالغان شەكلى ئۆزگەرگەن تۇرمىلارغا ئەڭ كۆپ يىغىۋالغانلار كىملەر؟ بىلەمسىز؟ 17 ياشتىن 45 ياش ئارىسىدىكى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام بولغان ئۇيغۇر ئەر، ئاياللار.چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوپۇنچىسى، ھەممە ئادەم يىغىپ سۇلاپ قويۇلغاچقا تېرىلغۇ يەرلىرى ئېكىنسىز، دۇكان، ئاشخانىلار تاقالغان، ئۇيغۇرلار تەكرار نامراتلاشتۇرۇلغان… تەرەپكە دىققەت قىلماقتا. ئەسلى ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى يىغىۋېلنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىرلاشتۇرۇلىۋاتقانلىغىدۇر. ”تەربىيەلەش كۇرىسى“ دەپ يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوقلىقىنىمۇ خىتايلار ياخشى بىلىدۇ. نىمىشكە ئۇلارنى 6 ئاي،ھەتتا بىر يىل قويىۋەتمەيدۇ؟ خىتايلار بۇ “تەربىيەلەش كۇرۇسلىرى” دا بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەركەكلىك ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ. ئاياللار قىسىرلاشتۇرىلىۋاتىدۇ. بۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇر ئەرلىرى ئارىسىدا بالا تېپىش قابىلىيىتىنى تامامەن يوقاتقانلىقى دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ئۇيغۇرلار قۇيۇۋېتىلىدۇ. ئاياللارمۇ قىسىر بولغانلىقى ئىسپاتلانغانلار قويۇۋېتىلىدۇ. باشقىلىرى داۋاملىق تاماقلىرىغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن دورىلار ۋەياكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئاختا ۋە قىسىر قىلىنىشى داۋاملىشىدۇ. ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بۇ ئۇيغۇرلار ئۆمۈر بويى بالا يۈزى كۆرەلمەيدۇ. بۇ، مىللىي قەتلىئامنىڭ قانسىز ۋە ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىنىش ئىستىراتىگىيىسىدۇر. بىر مىللەتنى يىلتىزىدىن يوقىتىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇسۇل ئادولف گىتېرنىڭمۇ ئەقلىگە كەلگەن ئەمەس

ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيادا ھېچبىر مىللەت دۇچ كەلمىگەن خەۋپ ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ. نەسىل قالدۇرۇش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھەرقانداق جانلىق ئەڭ قىسقا زاماندا دۇنيادىن يۇقۇلۇپ كېتىدۇ
نادانلىق نادان قالغاننىڭ ئەمەس، نادان قالدۇرغۇچىنىڭ جىنايىتىدۇر. شۇڭا مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، خۇددى جۇگازچىنىڭ بۇيۇندۇرىقىغا ئاشىق ئۆكۈزىدەك زۇلۇمدىن ھۇزۇرلىنىدىغان كەيپىياتلارنى كۆرگەندە بۇ ئاقكۆڭۈل خەلقىمگە بولغان سۆيگۈ مۇھەببىتىم قىلچىمۇ ئازايمىدى. مەن ھەر دايىم ”خەلقىمىز بوينىدىكى قۇللۇق زەنجىرىنىڭ ئەتىۋالىق ئالتۇن زەنجىر ئەمەسلىگىنى تۇنۇپ يەتكەن كۈنى ھەممە ئىش تۈزىلىدۇ.” دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ كەلگەن ئىدىم. ئۇخلىغان مىللەتنى ئويغىتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ۋاستە زۇلۇم قامچىسىدۇر. خىتاينىڭ شەپقەتسىز زۇلۇم قامچىسى ئاخىرى بۇ مىللەتنى ئويغاتتى. ئويغاتتى،ئەمما ئۇنى نەسلىنى داۋاملاشتۇرالماسلقتىن ئىبارەت ئەڭ قەبىھ جازالاش بەدىلىگە
خىتاي، قۇرال كۈچىگە ماسلاشقان بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ئارقىلىق بىر مىللەتنى قانداق قىلىپ يىلتىزىدىن قىرىپ تاشلىغىلى بۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى تەجرىبە لابۇراتۇۋارى سۈپىتىدە سىناق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يالغۇزلا ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان قەتلىئام ئەمەس

بىز ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ۋەتەننىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە قىلىشى توغرۇلۇق چەتئەلدە تۇرۇپ سۆز ئېچىش مىللەتنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىشنىڭ قورقۇنچ ئەجەل سىگنالى قۇلاق تۇۋىمىزدە ۋەھىمە سېلىپ ياڭراۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەكلىپىم شۇ؛ بىرىنچى؛ ئىختىيار قىلغان ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەت ھۈكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى ھەققىدە دوكلات سۇنۇش ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ پارلامېنت بىناسى ئالدىدا كوللىكىتىپ ئاچلىق ئېلان قىلىش. ئككىنجى؛ شارايىتى بولغان ئۇيغۇرلار توپلىنىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاچلىق ئېلان قىلىش. ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قانائەتلىنەرلىك پوزۇتسىيە بىلدۈرگىنىگە قەدەر ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇش. چەتئەلدە بۇنداق پىداكارلىقنى قىلالايدىغان كۆپلىگەن پىداكار ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەھىت بۇلىدىغان يەر سۈرىيە ئەمەس. بەلكى دەل غەرب دۆلەتلىرى پارلامىنېت بىنالىرى ئالدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدى. بۇ يەرلەردە ئېزىز ۋە ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دات پەريادىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىپ شەھىت بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئاللاھ ئالدىدا شەھىت، مىللەت ئالىدادا قەھرىمانلىق نامى بىلەن تارىخىمىزدا ئەبەدى ياشايدۇ

بىزنىڭ دۇنيا خەلقىگە دەردىمىزنى ئاڭلىتىدىغان باشقا يول قالمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقى ئەڭ ئاز دىگەندە، خىتاينىڭ مۇشۇك ئېيىغىنىڭ ياشاش ھۇقۇقىدىن تۇۋەن ئەمەس

يىل 2018. 3. ئاينىڭ 1. كۈنى

Share
6556 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.