logo

trugen jacn

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بايدا ئانا ۋە بالىلارنى پەرقلەندۈرمىدى، يەنە ئىنسانىي قېلىپتىن چىقتى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە 3-قېتىم خەۋەر بەرگەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئاختۇرۇش مەشغۇلاتىنىڭ 56-كۈنىدە 28 گۇماندارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما گۇماندارلار ئارىسىدىكى ئانا ۋە بالىلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما خىتاينىڭ خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى رادىئومىز ئېلان قىلغان ئىزدىلىۋاتقان گۇماندارلار ئارىسىدا ئاز دېگەندە 7 نەپەر ئانا ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان مەلۇماتمۇ بېرىلمىدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى، خىتاينىڭ گۇماندارلار ئارىسىدىكى ئانا ۋە بالىلارنى ئامان قويماسلىقىنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق دەپ ئەيىبلىسە، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بۇ ھەربىي ئىجرائاتنىڭ «قانۇندىن ئېغىز ئېچىشقا بولمايدىغان، بىر قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/komurkan-hujum-11232015162903.html

Share
1634 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.