logo

trugen jacn

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

سېناتور ماركو رۇبىيو «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئالقىشلىدى. 2019-يىلى 11-سېنتەبىر. ئامېرىكا.

سېناتور ماركو رۇبىيو «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئالقىشلىدى. 2019-يىلى 11-سېنتەبىر. ئامېرىكا.

 senate.gov

11-سېنتەبىر، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، مەزكۇر لاھىيەنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىر ئېلىندى.

بۇ قانۇننىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى، قانۇننى باش بولۇپ تونۇشتۇرغان پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەزلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتىٜ.

پالاتا ئەزاسى رۇبىيو ۋە مەنەندەزلەر بۇ ھەقتە بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قانۇن لاھىيەسى مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆلەملەشتۈرگەن دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەمدۇرٜ.»

باياناتتا يەنە مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتى ئالغان كىشىلەرگە قاراتقان تەھدىتلەرگىمۇ تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا نەقىل ئېلىشىچە، پالاتا ئەزاسى رۇبىيو مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق ۋە ئەشەددىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بەلكى ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەتلىرىنى خېلى بۇرۇنلا جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك ئىدى.»

ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنى بۇ قانۇننى دەرھال ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

بوب مەنەندەز ئەپەندىم بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلۇشىغا باش بولغان ئەربابلارنىڭ بېرىدۇ.

ئۇمۇ بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لاھىيەسى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ناھەق قامىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تەقىبگە مۇپتىلا قىلىنغان ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئەمگەك لاگېرلىرىغا بەند قىلىنغان پەيتتە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەتۈر قارىۋالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.»

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» 2018-يىلى نويابىردا تۇنجى قېتىم ۋە 2019-يىلى باھاردا ‍ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىپ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

قانۇن لاھىيەسى ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغان.

ئەگەر بۇ قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتسە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە پرېزىدېنت ئىمزا قويغاندىن كېيىنلا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-kishilik-hoquq-siyasiti-qanun-lahiyesi-09112019235849.html
Share
3190 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.