logo

trugen jacn

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

14-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم سىياسەتلىرىدە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم رىش، ماركو رۇبىيو، بوب مەنەندېز قاتارلىقلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قانۇن مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە يېرىدە ئېلىپ بارغان دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى ھەمدە بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى مەڭگۈلۈك تۇرغۇنلارنى قورقۇتۇش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىشىغا قارشى ئېلىنغان ئەھمىيەتلىك قەدەمدۇر.»

بۇ قانۇننىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى.

قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قاراتمىلىق جازالاش، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەسئۇل مەخسۇس خادىم بەلگىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتۈپ كېڭەش پالاتاسىغا يوللانغان ۋە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھازىرغا قەدەر ئاۋازغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىچ مېككانېل ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قانۇن لايىھەسىنىڭ پات ئارىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

1.8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىزتىراپ چېكىۋاتقان، كورونا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى مەزكۇر لاگېرلارغا تەھدىت يارىتىۋاتقان مەزگىلدە ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خۇرسەن قىلدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا كېڭەش پالاتاسىغا رەھمەت ئېيتتى شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا قايتۇرۇلغان تۇنجى قانۇنىي ئىنكاس ھەمدە تېخىمۇ مۇپەسسەل سىياسىي ئىنكاس قايتۇرۇش يولىدا بېسىلغان تۇنجى مۇھىم قەدەمدۇر.»

بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تونۇشتۇرۇلغان ئىككى مۇھىم قانۇن لاھىيەسىنىڭ بىرىدۇر.

ئۆتكەن يىلى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جەيمىس مەكگوۋېرن، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۆرۈنەرلىك يىرىكلەشكەن ۋە مەزكۇر ۋىرۇس تەھدىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دۇنياۋى دىققەت نۇقتىسى چېچىلىپ كەتكەن مەزگىلگە تورغا كەلدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-qanun-05142020184944.html

Share
1693 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.