logo

trugen jacn

ئۇيغۇر قاتناش ساقچىسىنى ھاقارەتلىگەن خىتاي ئەمەلدارنىڭ يېنىك جازالىنىشى مۇنازىرە قوزغىدى

5bd9556b-ba13-4f24-af67-9f5326ed6f02

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

17-مارت كۈنى كۇچا ناھىيىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ماۋ جۇڭخۇانىڭ ئاپتوموبىلىنى توسىغان ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ھاقارەتلەنگەنلىكى ۋە تاياق يىگەنلىكى ۋەقەسى توردا ئاشكارىلىنىپ قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، دائىرىلەر 22-مارت كۈنى توردا ئېلان چىقىرىپ، ماۋ فامىلىلىكنى جازالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمما خىتاي ئەمەلدارغا بېرىلگەن يېنىك جازا خىتاي تور بېكەتلىرىدە يەنىلا ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. بەزى تورداشلار ماۋ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشىنى «قانۇننى ئاياق ئاستى قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن، يەنە بەزىلەر «ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرسىتىدىغان تەشۋىقاتىنى كۆپلەپ قىلىشى، ماۋ فامىلىلىكنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىنى ھاقارەتلىشىدەك قىلمىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئىنكاسلاردا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ساقچىلارنىڭمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىشى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا يانتاياق بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىر دەرس بولۇشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 23-مارت كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر قاتناش ساقچىسىنى ئۇرغان ۋە ھاقارەتلىگەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ماۋ جۇڭخۇانىڭ قىلمىشى توردا ئاشكارىلىنىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغاندىن كېيىن، جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 23-مارتتىكى سانىدا، «17-مارت كۈنى كەچتە كۇچا ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ماۋ جۇڭخۇا كورلىدا مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ياردەمچى ساقچى ئىليار تەرىپىدىن توسۇپ تەكشۈرۈلگەندە، تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ، قاتناش ساقچىسى ئىليارنى ھاقارەتلەپ، ئۇرغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا 500 سوم جەرىمانە قويۇلۇپ، 10 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلدى» دېگەن خەۋەر بېرىلدى.

بۇ ۋەقە ھەققىدىكى سىنئالغۇ 17-مارت كېچىدە خىتايدىكى ئۈندىدار، شىننا، تېڭشۈن قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە ئاممىۋى تور بېكەتلىرى قاتارلىقلاردا ئاشكارىلىنىپ، تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.

17-مارتتىن بۇيان يېزىلىۋاتقان ئىنكاسلاردا، تورداشلار ماۋ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشىنى «قانۇننى ئاياق ئاستى قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. سىننا تورىدا يۈ شياۋلو ئىسىملىك تورداش تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنكاستا، «جانابىي سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ماۋنىڭ ئاچچىقى خېلى يامان ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازامۇ بەكلا يېنىك بولۇپ قاپتۇ» دېيىلگەن. تيەنجىنلىك نامىدىكى بىر تورداش ئىنكاسىدا، «سىياسىي كېڭەش ئەزاسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا بولامدىكەن؟ بۇنداق ئەمەلدارلار قاتتىق جازالىنىشى كېرەك!» دەپ يازغان. تيەن بيەنبيەن ئىسىملىك تورداش «مانا بۇ، ئاتالمىش سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خەلق ۋەكىلىنىڭ قىلمىشى. ئەمما بۇنداق ئەمەلدارلار سۈرۈشتۈرۈلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئېغىر جازا بېرىلىشى كېرەك ئىدى!» دەپ يازغان. يەنە بەزى ئىنكاسلاردا، «ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرسىتىدىغان تەشۋىقاتىنى كۆپلەپ بېرىشى، ماۋ فامىلىلىكنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىنى ھاقارەتلىشىدەك قىلمىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تور بېكەتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى 22-مارت كۈنىدىكى سانىدا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان سىنئالغۇنىڭ تەپسىلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يول توساقلىرىدا ئۆتكەن-كەچكەن ئاپتوموبىل، موتسىكلىتلارنى تەكشۈرۈۋاتقان ياردەمچى ساقچى ئىليار موتسىكلىت بىلەن يول تالاشقان ماۋ جۇڭخۇا ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنى توسىغان. بۇنىڭدىن كەيپى ئۇچقان ماۋ جۇڭخۇا دەرھال ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ «ھەي كالۋا ئۇيغۇر، ساڭا مېنىڭ ماشىنامنى توسىدىغان ھوقۇقنى ساڭا كىم بەردى؟ سەن دېگەن بىر ياللانما ئىت، بىز سېنى بېقىۋاتىمىز، سەن مېنى ئەمەس، كالۋا ئۇيغۇرلارنىڭ موتسىكلىتىنى توسىسەن، بىلەمسەن مەن كىم؟ مەن كۇچا ناھىيىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسى» دېگەن ھەمدە شاپىلاق بىلەن ئىليارنىڭ يۈزىگە بىرنى سالغان، ئارقىدىن قورساق قىسمىغا تەپكەن. كېيىن كەلگەن ساقچىلار ئۇنى مەسلىكىنى يېشىمىز دەپ تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە، كۇچا ناھىيىسىنىڭ خىتاي سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇر ساقچىنى ھاقارەتلىگەن سۆزىنىڭ مەزمۇنى، ئۇيغۇر ساقچىنىڭ قورسىقىغا تەپكەنلىكى قاتارلىق تەپسىلاتلار ۋە تورداشلارنىڭ تەنقىدىي ئىنكاسلىرى قاتارلىقلار تولۇق بېرىلمىگەن.

چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئۇيغۇر ساقچىسىنى ئۇرۇش ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياردەمچى ساقچى ئىليار ئۇچرىغان ئاقىۋەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدا ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ،خىزمەت قىلىۋاتقان ساقچىلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دەرس بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ساقچىنى ئۇرۇپ ھاقارەتلىگەن خىتاي ئەمەلدارىنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك!» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-haqaret-03232015162351.html

Share
1433 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.