logo

trugen jacn

ئۇيغۇر فىلىمى «مېھرى-مۇھەببەت» ئامېرىكىدا ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

3c46d8426fe518783a3714

رېژىسسور شىرزات ياقۇپنىڭ ئالتايلىق يېتىم بالىلار باش پاناھى ھەنىپەخان ئالىمئاخۇننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تېما قىلغان «مېھرى-مۇھەببەت» ناملىق فىلىمى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى» دا بىر قانچە خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مەزكۇر فىلىم تېما قىلىنغان ھەنىپە خانىم ئىلگىرى نۇرغۇن خىتاي، تۇڭگان، قازاق، ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئانىسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى» دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

ئەمما، خىتاي ئاخباراتىنىڭ تەشۋىقاتى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ ساپ ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات مەقسىتى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى ئۈچۈن قوللاندى، دەپ ئەيىبلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شەخسى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى سىياسىي تەشۋىقاتقا ئايلاندۇرۇۋېلىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىش-ئىزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ كەلگەن.

شىرزات ياقۇپنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى تېما قىلغان فىلىمى بۇ قېتىم «ئەڭ ياخشى كىنو» دەپ باھالانغان.

بۇ يىل ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋال لوس-ئانجېلىس شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. فېستىۋالغا دۇنيادىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ 1200 دىن ئارتۇق كىنو ۋە سېنارىيە ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تاللانغان 50 فىلىم رىقابەتكە چۈشكەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-filim-04152016165732.html

Share
2121 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.