logo

trugen jacn

ئۇيغۇر شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم «تۈرك مەدەنىيىتىگە خىزمەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

image

ئەركىن تارىم
2015-11-24
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم «تۈرك مەدەنىيىتىگە خىزمەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 22-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى يۇنۇس ئەمرە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئەزەربەيجانلىقلار، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە قىرىم تاتارلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە پايتەختى ئەدەبىيات ۋە مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئەخمەت قۇرت ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، نۇتقىدا بۇ يىلقى مۇكاپاتنى توققۇز كىشىگە بەرگەنلىكىنى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇكاپاتنى بېرىش ئارقىلىق بۇنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى

Başkent-Sahne

ئارقىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسلەر سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. ئەنقەرە ئالتىنداغ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ۋەيسەل تىرياكى ئەپەندىگە تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قوغداش خىزمەتلىرىنى ياخشى قىلغانلىقىدىن، 7 گۈزەل ئادەم ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ يازغۇچىسى ئەخمەت تەزجان ئەپەندى بىلەن نەۋىم شاھىن خانىمغا، ئۇيغۇر شائىرى نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمغا، تۈرك دۇنياسى ياشلار تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن شەمسەتتىن كۈزەچى ئەپەندىلەرگە مۇكاپات بېرىلدى.

ئۇيغۇر شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى ۋە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى خانىم خالىلوۋا خانىم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيى ھەيئەت ئەزالىرىدىن شەمسەتتىن كۈزەچى ئەپەندىلەر، بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان پايتەخت ئەدەبىيات ۋە مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم بىلەن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق بايلىقلىرىنى تونۇتقانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشىنى تەسۋىرلىگەن بىر كىتاب يېزىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا يېڭى شېئىر كىتابلىرى يېزىپ قالدۇرۇشقا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدە تونۇتۇشقا تىرىشىدىغانلىقى تەكىتلىدى

Hamit-Bahne

مۇراسىمغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ مۇراسىمدا سۆز قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىدىن رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قىرىم بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى بۇ قېتىمقى مۇراسىم ۋە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە تۈركىيەدە ياخشى تونۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئەسلىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەكەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1960-يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، شائىرە بولۇپ يېتىشىپ، بىر قانچە شېئىرلار توپلىمى ۋە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇش كىتابى نەشر قىلغان. ئۇنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، تۈركىيەدە ھازىرغىچە 48 قېتىم ھەر خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turk-madeniyiti-11242015153710.html

 

 

Share
1681 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.