logo

trugen jacn

ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئەنقەرەدە قوش مۇكاپاتقا ئېرىشتى

image

ئەركىن تارىم

2015-u0403-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈرك دۇنياسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تونۇلغان شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم تۈركىيە بىرلەشكەن كۆڭۈللەر جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كەركۈك تۈركمەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپاتى» ھەمدە «تۈرك دۇنياسى نورۇز گۈلى» مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. مۇكاپات 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان چوڭ مۇراسىم بىلەن تارقىتىلدى. بۇ مۇراسىمغا ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قىرىم ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ كۆپ ساندا تونۇلغان يازغۇچى، شائىر، مۇزىكانت ۋە سەنئەتچىلەر قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى كەركۈك تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى رەئىسى قىلدى. ئۇ، نۇتقىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرى بىلەن بىر يەردە جەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، سەنئەتچىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئېرىشكەن مۇكاپاتلار
ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئېرىشكەن مۇكاپاتلار

ئارقىدىن شائىرلار ۋە شائىرەلەر ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ يازغان «بىز كىملەر» ناملىق شېئىرى كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.

نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 7 ياش ۋاقتىدا ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە 1962 – يىلى ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ماكانلاشقان، ئۇنىڭ ئۇيغۇر يېمەكلىرىنى تونۇتقان بىر كىتابى، شېئىرلار توپلىمى ۋە كۆپ ساندا ماقالىسى ئىلان قىلىندى. ئۇ تۈركىيەدە تېلېۋىزىيەلەردە كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىنى تونۇتقان پروگراممىلارغا قاتناشقان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/uyghur-shaire-nurela-04032015225457.html

Share
1449 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.