logo

trugen jacn

ئۇيغۇر سەبىيلىرى ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلىلەردە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟

72b1b354-206b-45bc-a479-99ddbea0f244

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 3-4 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر سەبىي ئۇيغۇر بالىنىڭ مەلۇم بىر «قوش تىللىق» يەسلىدە ئۆزىنىڭ چۈچۈك ئۇيغۇرچە ئاھاڭى بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە ئۆگىتىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە خىتاي يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەسرۇللا ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر بالىغا تۇرمۇشقا لازىملىق ئادەتتىكى خىتايچە سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي دۆلەت گېربىنى خىتايچە دېيىشكە زورلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

7-دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-قانىلىدا خىتايدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2-3 ياشلىق يەسلى بالىلىرىنى ئۇرۇپ قىيناۋاتقانلىقىغا دائىر نەق مەيدان خەۋىرى كۆرسىتىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تاكى خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىغىچە ئورۇن ئالغان بۇ ھادىسىلەر، خىتاينىڭ يەسلى مائارىپىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىدا كۆرۈلۈۋاتقان قانداق بىر ئاچچىق رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ؟

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر «قوش تىللىق» يەسلىدە ئىشلەيدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى يۇقىرىقى سىن كۆرۈنۈشىدىكى رېئاللىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەردە ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەستىقلىماقتا.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرمۇ خىتاي بالىسى ياكى خىتاي ئوقۇتقۇچىسى بولمىغان بۇ يەسلىدە كۈندىلىك پروگرامما ئاساسەن خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ ھال ئىلگىرى ھېچقانداق خىتاي مۇھىتى بىلەن ئۇچراشمىغان ئۇيغۇر بالىلىرىدا يەسلىدىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى ھاسىل قىلماقتىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەلۇم بىر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر نەپەر خىزمەتچى خادىممۇ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ۋە سىياسىي-ئىدىيە تەربىيەسىدە ئىنتايىن چىڭ تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، مەكتەپ بالىلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ۋە ئۆيىدە دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىلمەسلىك ھەققىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرىدىغانلىقىنى، ئاتا، ئانىلىرىنىڭ بۇ جەدۋەلگە ئىمزا قويۇپ مەكتەپكە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئۆز ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتى بىلەن ياپونىيەدىكى مەكتەپ ھاياتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئارىلىقتىكى زور پەرقنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، خىتايدىكى يەسلى ۋە مەكتەپ مائارىپىنىڭ سەبىي بالىلارغا دۆلەت سىرتىدا ياپونلارنى، دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتەك تەشۋىقات خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qosh-til-yesli-12082016143152.html

Share
1211 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.