logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەكتەپلەر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشمەكتە

032c3c1c-9147-4ebd-a50f-5ad8aee6c28f

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا، خىتايچە مەكتەپلەر بىلەن قوشۇۋېتىلىپ، مەكتەپلەردە خىتاي تىلى مائارىپى ئاساس قىلىنغان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دارىلئېتام مەكتەپلىرى خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ خىل مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تاللىۋېلىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەكتەپلەرگە بېرىشتىكى ئاكتىپلىقى قاتارلىق ئامىللار، ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىجارەت، كارخانا-شىركەتلەر قۇرۇپ، بېيىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، تاپقان پۇللىرىنى مەكتەپ قۇرۇش، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە سەرپ قىلىدىغان كەيپىيات كۈچەيگەن.

ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىنتىل تىل مەكتىپى، قارلۇق كومپيۇتېر مەكتىپى قاتارلىق چەتئەل تىلى ۋە تېخنىكا ئۆگىتىدىغان ئالىي مائارىپ سەۋىيىسىدىكى مەكتەپلەردىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب شىمالىدا ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان باشلانغۇچ -ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى دارىلئېتام مەكتەپلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. بۇ خىل مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ناھىيىلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا بارلىققا كەلگەن.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا غۇلجا شەھىرىدە نۇرتاي ھاجىم تەرىپىدىن بىر مىليون 500 مىڭ سوم مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان «نۇرتاي ھاجىم يېتىملەر مەكتىپى»، غۇلجادىكى ئابلىمىت خالىس ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇھەممەت ئىمىن قارىھاجىم، سادىقجان، ئابدۇرېشىت قادىر، دىلشات سابىت قاتارلىقلارنىڭ مەبلەغ قوشۇشى بىلەن 2000-يىللاردا 1 مىليون 500 مىڭ سوم مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان «غۇلجا مىللىي مائارىپ خالىس فوندى جەمئىيىتى»، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا قۇرۇلغان «سادىقجان باشلانغۇچ مەكتىپى»، تونۇلغان چاقچاقچى ھېبى ئاندۇرېھىم قۇرغان «يېتىم بالىلار ئۆيى»قاتارلىقلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن ئولتۇرۇشلىرىنىڭ سۆھبەت تېمىسىغا ئايلانغان.

غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسىدا قۇرۇلغان سادىقجان باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ، يېتىم-يېسىر، نامرات بالىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئاساس قىلغان مىللىي مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن، ئۆزىنى مائارىپ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپقىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان پۇتبول قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىكى ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئابرۇيى يۈكسىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسى بىلەن ئوقۇغۇچى مەنبەسى بارغانچە ئېشىپ روناق تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تۇرپانيۈزى يېزىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان يېقىنقى 5-6 يىلدىن بۇيان سادىقجان نامىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە ياشلارنى ئاساس قىلغان، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپقىنى، مەكتەپتە ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر ئانا تىلى ئاساس قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئەسلىدە يېتىم بالىلار ۋە نامرات بالىلارنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغان بۇ مەكتەپكە ھازىر ھال-ئەھۋالى خېلى ياخشى بولغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇشقا بېرىۋاتقانلىقى، ئىلى تەۋەسىدىكى قول ئىلىكىدە بار ساخاۋەتچىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى، پۇتبول كوماندىسى ۋە بالىلارنىڭ ئۈستۋېشى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە تاماق پۇللىرىغىچە ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ يۇمۇرلۇق ئوخشىتىشلىرى، ئۆتكۈر،قاراتمىلىققا ئىگە چاقچاقلىرى ئارقىلىق «ھېسامكامنىڭ شاگىرتى»،«سۈر بويتاق ھېبى» ناملىرى بىلەن تونۇلغان مەمەيۈزلۈك چاقچاقچى ھېبى ئابدۇرېھىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېقىپ تەربىيىلەۋاتقان بىر تۈركۈم يېتىم بالىلار سەۋەبىدىن «ساخاۋەتچى ھېبى، ھاتەم ھېبى (رىۋايەت-چۆچەكلەردىكى مەشھۇر ساخاۋەتچى)» قاتارلىق ناملار بىلەن تەرىپلىنىشكە باشلىغان.

ھېبىنىڭ يۇرتى غۇلجا ناھىيىسى مەمەيۈز كەنتىدىكى بىر خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرى مەمەيۈزلۈكلەر ھېبىنىڭ چاقچاقلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولسا، ھازىر ھېبى قىلغان ساۋاپ ئىشلار بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھېبى غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، مەمەيۈزدىلەر پەقەت تېلېۋىزور، سىنالغۇلاردىنلا غۇلجا-ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە خەلق مەشرەپ-چايلىرىدا چاقچاق قىلىپ تاپقان تاپاۋىتى بىلەن بېقىۋالغان 40 تىن ئارتۇق يېتىم بالىنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەۋاتقان ھېبى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، ھېبىنى يۈز تۇرانە كۆرەلمىگىنىگە نەچچە يىللار بولۇپ كەتكەن مەمەيۈزلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەمما تەرىپىنى قىلىشىپ، ناماز دۇئالىرىدا ھېبىگە سالامەتلىك تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم يەنە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن غۇلجا ناھىيىسىدىكى يېزىلاردا ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قوغداشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا، مائارىپ ئىدارىلىرىغا پىكىر-تەلەپلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghurda-maarip-10192015152859.html

Share
1550 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.