logo

trugen jacn

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىنكاسلار

image

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى ئىككى كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئەڭ مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىنكاس قايتۇرغاننىڭ سىرتىدا، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئىلھام توختى ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. بۈگۈن يەنە، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى ئىلى فاڭپىڭ ئارقىلىق خىتايدىكى ۋېيبو تور بېتىدە ئېلان قىلغان مەكتۇپىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ خەۋىرىگە «قاماقتا پۇتى تۆمۈر بىلەن كىشەنلەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ھېلىھەم جۇڭگونىڭ ياخشىلىنىشىغا بولغان ئۈمىدىنى ئۈزمىدى» دەپ ماۋزۇ قويغان. خەۋەردە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن دۆلەتلەرنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى» دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى، بىراق ئىلھام توختىنىڭ بولسا بۈگۈن تۈرمىدە ئادۋوكاتى ئىلى فاڭپىڭ ئارقىلىق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى بايان قىلغان. ئىلھام توختىنىڭ مەكتۇپىدا مۇنداق دېيىلگەن
‏«مەن مىللىتىم ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا مەن جۇڭگونىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن. تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋۋال مەن ئۆزۈمدىن بەرداشلىق بېرەلەرمەنمۇ، دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم. ۋىجدانىمنى، خىزمىتىمنى، دوستلىرىمنى ۋە ئائىلەمنى سېتىۋېتەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم. بىراق، مەن بەرداشلىق بەردىم. مېنى قانداق بىر تۈرمە ھاياتىنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن، ئەمدى بۇ مېنىڭ ھاياتىم بوپ قالىدۇ. بېشىمدىن ئۆتكەن بىر تەجرىبە بولۇپ قالىدۇ. ھاياتىمنىڭ قانچىلىك داۋام قىلىدىغىنىنى بىلمەيمەن. بىراق مەن قورقمايمەن. مەن ئۇنداق ئاجىزلاردىن بولمايمەن. ئەگەر تۈرمىدە مېنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ياكى ئۆزىگە زەخىم سالدى، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭلار، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. ئۇ يالغان خەۋەر. ھەققىمدىكى ھۆكۈمنامە ئوقۇلغاندىن كېيىن، مېنىڭ زىممەمدىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۆزۈم كەتكەن بولساممۇ، مەن يەنىلا قۇياش نۇرىغا، يەنىلا كېلەچەككە تەلپۈنىمەن. مەن خىتاينىڭ ئەھۋالىنىڭ كېلەچەكتە ياخشىلىنىدىغانلىقىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تىنچلىق دېگەن جەننەتنىڭ سوۋغىسى. ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار پەقەتلا تىنچلىق ۋە ئۆز-ئارا ياردەم ئارقىلىقلا ئورتاق مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمىز

مېنىڭ پۇتۇم تۈرمىدە 24 سائەت بويىچە كىشەنلەندى. 8 ئايدىن بۇيان مەن ئاران ئۈچ قېتىم كامېردىن تالاغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىندىم. مەن ياتقان كامېردا 6 خىتاي جىنايەتچى بار. ئۇلار ئۈستىدىن ئاللىقاچان ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بولغان. ئۇلار بىلەن يېتىش قېيىن. بىراق مەن ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە ماڭا ئوخشاش «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن باشقا ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا يەنىلا كۆپ تەلەيلىك. چۈنكى سوتتا مېنى قوغدايدىغان خىتاي ئادۋوكاتلىرىم بار، مېنىڭ ئائىلەمنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى ۋە مەنمۇ سوتتا ئۆزۈمنىڭ پىكرىنى سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن مېنىڭ بۇ دەۋايىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئاخشام مەن 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خاتىرجەم ئۇخلاپ بېقىپتىمەن. مەن يۈرىكىمنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە چىدامچان بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالمىغان ئىدىم. لېكىن مېنىڭ ياشانغان ئانام بۇنى ئۇقماسلىقى كېرەك. تۇغقانلىرىمغا دەپ قويۇڭلار، ئانامغا مېنى پەقەت 5 يىل كېسىلدى، دەپ قويسۇن. ئاخشام مەن يان كامېردا پەرھاتنىڭ ئىشىكنى تەپكىنىنى ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتقىنىنى ئاڭلىدىم. كىشەننىڭمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭدىن قارىغاندا، مېنىڭ 7 ئوقۇغۇچىممۇ كېسىلگەن ئوخشايدۇ

ئايالىم ۋە بالىلىرىم… سىلەر كۈچلۈك بولۇڭلار. يىغلىماڭلار. يېقىن كېلەچەكتە بىز قايتىدىن جەم بولىمىز. ئۆزەڭلەرنى ئاسراڭلار

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار ئىلھام توختىنىڭ مەكتۇپىنىڭ ۋاشىنگتون پوچتىسىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى. ئۇ مەكتۇپىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەرھاتنىڭ ئەھۋالىدىن جۈملىدىن باشقا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ كېسىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن. ئىلھام توختىنىڭ سەپداشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان خىتاي دېموكرات تېڭ بياۋمۇ بۈگۈن ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەكتۇپىغا «ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئەمەس، بەلكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىشى كېرەك ئىدى» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇ خېتىنى مۇنداق دەپ باشلىغان

«ئۇيغۇر زىيالىيسى، مېنىڭ دوستۇم، ئۆزىنى ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا ئاتىغان كىشى. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قامىدى. ئۇ يانۋاردا قولغا ئېلىنىشتىن سەل ئاۋۋال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىرتقا چىققاندا، 3 نەپەر مەخپىي ساقچى ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن ئىلھامنىڭكىگە ئالدى تەرەپتىن ئۇردى. ھەتتا ئارىدىن بىرى چىقىپ ئىلھامغا «بىز سېنى ۋە ئائىلەڭ ھەممىڭنى قوشۇپ ئۆلتۈرىمىز» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى تەييارلاپ قويدى. ئەمما ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدىمۇ «ئەگەر مەن ئۆلگەن تەقدىردىمۇ مېنى ئۆلتۈرگەن خىتاي پۇقراسى ئەمەس. بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار. بۇنى دەپ ئۆز-ئارا ئۆچمەنلىك قىلماڭلار» دەپ يازغان ئىدى. ئۇنىڭ بېشى 2006-يىلى ئۇيغۇربىز تور بېتىنى قۇرۇپ، ئىككى مىللەت ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىغاندىن بۇيان بالاغا كىردى… يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۆزىنىڭ يازمىلىرىدا، نۇتۇقلىرىدا ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن. ئۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىنىشىنى، قانۇننىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى، ھەممە مىللەتلەرنىڭ خىتايدىكى تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى، مىللەت ۋە ئېرققا قاراپ تۇرۇپ كەمسىتىلمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ بىر كەمتەر، ئادىل ۋە سەمىمىي تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئىدى. ئۇ ئۆز خەلقى ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىقتىن، زۇلۇم توغرىلىق سۆز قىلغاندا بەك قايغۇراتتى، تەشۋىشلىنەتتى. بىراق ئۇ ھېچقاچان ئۆچمەنلىك قىلمايتتى، ئۈمىدسىزلەنمەيتتى ۋە ھېچقاچان رادىكال ئىدىيىلەرنى ئالغا سۈرمەيتتى

تىڭ بياۋ مەكتۇپىنىڭ داۋامىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى بىلەن 5 يىل ئاۋۋال تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى، ئىلھام توختىنى مەخپىي ساقچىلارنىڭ قاتتىق كۆزەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نۇرغۇن قېتىم تاياق-دەشنام يېگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆيى ۋە ئۆيى ئەتراپىدىكى رېستورانلارغىمۇ كامېرا ئورنىتىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ كۆزىتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن
«مەخپىي ساقچى دېگەن ھەممە يەردە مەخپىيەتلىك ئىزدەيدۇ. بىراق ئىلھام توختىنىڭ مەخپىيەتلىكى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھەممە دېگىنى ۋە يازغىنى ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك› بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىنىشى پۈتۈنلەي بىمەنىلىك. ئۇنىڭ بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى قېيىن-قىستاق ئاستىدا گۇۋاھلىق بېرىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئىلھام توختى بولسا ئادۋوكاتىغا ئوقۇغۇچىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان ۋاسىتىنىڭ قانچىلىك ۋەھشىيلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى…. ئۇنىڭ سوتىنىڭ تېلېۋىزىيىدە بېرىلگەن كۆرۈنۈشلىرىدە ئىلھامنىڭ قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە ئورۇقلاپ، قېرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. ئۇ مەن تونۇيدىغان روھلۇق ۋە تېتىك ئىلھامغا ئوخشىماي قاپتۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان زومىگەرلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە تىبەتتە نارازىلىق، بۆلۈنۈش ۋە ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى. ئىلھام توختى بولسا زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ۋە ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئەسلىدە تۈرمىگە قامىلىپ، قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشنىڭ ئورنىغا، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىنىشى كېرەك ئىدى

تىڭ بياۋ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى ۋەزىيەت بىلەن شوتلاندىيىدىكى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان
«خۇددى تاسادىپىي توغرا كەپ قالغاندەك، 18-سېنتەبىر كۈنى دۇنيا شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قىلغان ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە شاھىت بولدى. بۇ، ئىككى مىللەتنىڭ بىرگە ياشالايدىغان-ياشالمايدىغانلىقىغا ئاڭلىق بىر مۇنازىرە ئارقىلىق ۋە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق قارار بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بەردى. بىراق، خىتايدا بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىكرىنى ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان بىر زىيالىي بولسا تۈرمىگە ئېلىندى. پەرق بۇنىڭدىنمۇ ئېنىق بولمىسا كېرەك. مېنىڭ دوستۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋە خىتاي ئۈچۈن رىيازەت چەكمەكتە. ھەقىقەت ۋە تىنچلىق چەيلەنگەن بىر يەردە، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۆچمەنلىك تۇغۇلىدۇ. ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇۋالىدىكەن، بىر كۈنى بۇ زومىگەرلەرنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگىمۇ قول ئۇزارتىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-09242014150758.html

Share
1748 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.