logo

trugen jacn

ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى

 

نۇرانىيە 

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق قىرىنداشلار ،مۇشۇ ئىغىر كۈنلەردە بىر بىرىمىزگە ياردەم قىلىپ ،ۋەتىنىمىزنىڭ بىشىغا كەلگەن قارا كۈندىن ئۇھسىنىپ ياشىماقتىمىز ،ئارىمىزدا قارى داموللا ئالىملىرىمىز ،سىياسىيون ،مەرىپەتچى ،يولباشچىلىرىمىز ھەم بار ،كىملىكىمىز ،مىللىتىمىز يوقىتىش سۈيقەستىگە ئۇچراۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئىش بىشىدىكى چوڭلىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپالىق خىزمەت قىلۋاتقىنىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز ،ئاللاھ ئۇلارغا كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن ،بىز ئەسىرلەردىن بىرى نۇرغۇن قەھرىمانلىرىمىزنى ئۇزاتتۇق ،ئۇلارنىڭ شۇ تۆلىگەن بەدەللىرى نەتىجىسىز قالدى ،سەۋەبى خەلقىمىز نادانلىق ئىچىدە قالغاچ كىمنى ھىمايە قىلىشنى بىلەلمىدى ،ھەممە جان قايغۇدا قالغاچ ئاقىۋەتتە كۈندىن كۈنگە بەتەر بولغان بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق ،خىتاي رىزەنكە يەپ ئۇرۇش قىلىپ ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندا شۇلارمۇ شۇ قەدەر نادانتىكى ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ قىنىنى كىسىلىڭگە شىپا بولىدۇ دىسە شۇنى ئىچەتتى ،ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان قەھرىمانلىرىنى توپىلاڭچى دەپ ئۇلاردىن نۇمۇس قىلاتتى ،بىز بۇ تارىخنى ئۈگەنگەندە كىشىلەرنىڭ نادانلىقىدىن كۈلۈشكەن ،توۋا دىمەي تۇرالمايمىز،21-ئەسىرگە كەلگەندە شۇ نادانلىقنى بىزنىڭ خەلقىمىزدە كۆردۇق ،مۇسۇلمان بولغىنىمىز ئۈچۈن قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قىنىنى ئىچمىگىنىمىز بىلەن تاكى 2009-يىلىدا ئوچۇق ئاشكارە قىرغىنغا ئۇچرىغانغا قەدەر ئىمانى ئۈچۈن ،مىللىتى ئۈچۈن سىياسىي دەپ كىسىلگەنلەرنى يامان كۆرگەنلەرنى ،شۇلارنى قىسىپ ئوتتاسا بولمامدۇ دىگەنلەرنى ،شۇلار جىم تۇرسا بىزنىڭ بىشىمىزغا بۇ كۈلپەتلەر كەلمەيتى دىگەنلەرنى جىق كۆردۇق ،خىتاي زىيالىلىرى شۇ نادان خەلقىنىڭ ئىڭىدىكى قۇللۇقنى تۈگىتىپ شۇلارغا كۆرەش نىشانىنى ئىيتىپ ،شۇ كۆرەشتىن ئالىدىغان ھاسىلاتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەندىن كىيىن بىرلىكتە كۆرەش قىلىپ ئاخىرى ھاكىمىيەت تىكلىدى ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ قان قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ھىلىگەرلىكىمۇ موھىم رول ئوينىدى بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايمىز ،خوش ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز ،مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇپ مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز ؟بۇ تارىخى ۋەزىپە دەل ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ زىممىسىدە ،ئۇيغۇر زىيالىلىرى كىملەر دەپ سورشىڭىز مۇمكىن ،ئۇلار مەيلى دىنى مەيلى پەننى ئىلىم ئالغان بولسۇن ھەرقايسى ساھەلەردە بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولغان كىشىلەردۇر ،مۇھاجىرەتتە ئىلىمدىن يىراق قالغانلار ھەم مەۋجۈت ،ھەممىمىزنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن ،ھەممىمىزگە ئۆزىمىز ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان خىزمەت تەخسىماتى بولسا ،ھەممىمىز ئۆز خىزمىتىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقساق ،ئۆزىمىزگە بىرىلگەن ۋەزىپىدىن ئۆز ئۆزىمىزدىن ھىساپ ئىلىپ ماڭساق ،باشقىلارنىڭ قىلمىغىنىغا پۇشۇقۇشنىڭ ئورنىغا ،ئۆز ۋەزىپىمىزنى قانداق قىلساق ئەڭ ياخشى ئورۇندىيالايمىز شۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۆلسەك دەپ ئويلايمەن ،ۋەزىيەت بىز ئۇيغۇرلاردا بىرلىك يوقتەك ،پارچىلىنىپلا تۇردىغان بىرلىشەلمەيدىغاندەك تۇيغۇلارنى بىرىپ مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنى تىخىمۇ قايغۇغا چۆمدۈرمەكتە ،مەنچە بىز ئۇيغۇرلار چىچىلاڭغۇ مىللەت ئەمەس ،بىزنىڭ قىنىمىزدا ئىقىۋاتقىنى ئۇيۇشقاق دەپ تارىخ بىتىدە ئورۇن ئالغان تۈركى قەۋمنىڭ قىنى ،دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئەسىرلەرچە سوراپ دۈشمەننى سەددىچىندەك سىپىللارنى سالدۇرغان باتۇر بوۋىلىرىمىزنىڭ قىنى ،ئاتا بوۋىلىرىمىز بۆرىنى تۇتۇم قىلغان ،بۆرىنىڭ تەبىتى بىزدە بار ئىدى ،بىرلىشىش بىزنىڭ تەبىتىمىزگە يوشۇرۇنغان ،گۇمان ،ئۈمىدسىزلىكنى تاشلاپ بىر ئاللاھقا ئۈمىد باغلاپ بىسمىللاھ دەپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلەش ئالدىمىزدىكى بىردىن بىر يول ،خەلىقنىڭ ئىددىيىسى ھەرخىل ،دىنى زىيالىلارنىڭ ۋەزىپىسى دىنىمنى ئۈستۈن قىلىمەن دەيدىغان كىشىلىرىمىزنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ ئۇيۇشۇش ،پەن ئۈگەنگەن زىيالىلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى مىللىتىمنى قۇتقۇزىمەن ،ۋەتىنىمنى ئازاد قىلىمەن دەيدىغان كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ ئىككى تەرەپتىن ئورتاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەش ،چۈنكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەسلى خوجىسى ،ئون بىر ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە مۇسۇلمان مىللەت ،يەنى ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى ،ئۈممەت ئىچىدىمۇ بىز بار ،مىللەت ئىچىدىمۇ بىر بار ،بۇنى سىنىڭ مىنىڭ «ئەمەس» دىگىنىمگە «ئەمەس »بوپ قالىدىغان ،سەن ۋە مىنىڭ ئىتىراپ قىلمىغىنىمغا ئۆزگىرىپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس ،بۇ ھەقىقەت ،ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدىغان ،ئوموملۇقنى قايرىپ شەخسى پىكرىنى ئالى بىلىدىغانلا ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىۋەتسە بىزنىڭ باشقا پىكرىمىز يوق ،شۇڭا دىن ئۈچۈن ،ۋەتەن ئۈچۈن ،مىللەت ئۈچۈن بەش كۇرۇشلۇق مەنپەت ئەكىلەلمىسەكمۇ بىر كۇرۇشلۇق زىيان سىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ ،بىر دۆلەتتە نەچچە پارتىيە تەڭ مەۋجۈت بوپ تۇرۇپمۇ شۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ ،بىزنىڭ مەخسەت بىر ،نىشان بىر ئىكەن ئۆزىمىزنىڭ يولى بويىنچە ئىلگىرلىسەك ،باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىغا باھا بىرىشكە بەرگەن زىھنىمىزنى مەن قانداق قىلسام ياخشى قىلالايمەن دىگەنگە قاراتساق بۇ دەۋا غەلبىگە ئىرىشىدۇ دەپ قارايمەن ،ئەسكەرنى مەشىقلەندۈرمەي ئۇرۇشقا سالغىلى بولمايدۇ ،شۇنداقلا ئۆلۈمدىن قورقمىغاندا ئەسكەر بولغىلى بولىدۇ ، ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش ئۈچۈن شۇ كىشىنى شۇ جەڭگە قاتنىشىشقا جەلىپ قىلغىدەك باھانە بولىشى كىرەك ،جان ھەممىگە تاتلىق ،قەدىرلىك زىيالىلىرىم شۇ جەڭگە كىرەكلىك ئەسكەر توپلاش دەل سىز بىزدەك ئاللاھ ئىلىمگە ساھىپ قىلغانلارغا ئائىت ئىش ،ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قولىدىن كىلىدىغاننى قىلىشى كىرەك ،ھىچ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان كىشىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئىش سىزنى تاپمىسۇن ،سىز ئىشنى تىپىڭ ،يول ماڭغاندا ئىز قالىدۇ ،ئىز كۆپ قالغان يول ياسىلىپ ئاسفالىتلىشىدۇ ،ئادەم ئاياق باسمايدىغان يەرگە ھىچكىم يول ياساپ قويمايدۇ ،خەلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ھەرقايسى ئىددىيەدىكىلەرنى بىر يەرگە ئەكىلىش ھەر قانداق ئىھتىماللىقى بولغان رىئاللىقلارغا يۈزلىنىشكە ھازىرلىق كۆرۈش دەل بۈگۈنكى زىيالىلار توپىنىڭ ئۈستىدىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك ،ئەڭ موھىم ۋەزىپىدۇر ،ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھىكمەت بار ،سىزگە بىرىلگەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ھىسابى قىيامەتتە سورلىدۇ ،ئاخىردا بارلىق زىيالىلارغا ئامانلىق ۋە يۈكسەك ئەقىل ،ئىتىقاد ،ئىمان تىلەيمەن .

يىل2017 -6-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى

Share
1373 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.