logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونى بىلەن يىللىق 50 مىليون توننا كۆمۈرچىلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان ئامېرىكا شىركىتى ۋەيران بولدى

171120141724137496445_2

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنچىلىك شىركىتى -پىبادىي PeaBody يېقىندا مەھكىمىگە رەسمىي ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى سۇندى. مەزكۇر شىركەت 2011‏-يىلى ئۇيغۇر رايونى بىلەن يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى 50 مىليون توننىلىق كۆمۈر كان ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشى مەزكۇر كېلىشىمگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىبادىينىڭ ۋەيران بولۇشىغا نېفىت بازىرىنىڭ كۆمۈر باھاسىغا تەسىر قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ قاتتىق مۇھىت ئۆلچىمى، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار تەسىر قىلغان. نەتىجىدە، قىممىتى 11 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلكى قالغان بۇ شىركەت، ئۆزىنىڭ 10 مىليارد 100 مىليون دوللار قەرزىنى تۆلەلمەس ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

پىبادىينىڭ 2011‏-يىلى 15‏-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ئۇيغۇر رايونىدا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 50 مىليون توننىلىق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى ئېچىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا پىبادىينىڭ پرېزىدېنتى گرەگ بويس نۇتۇق سۆزلەپ: «بىزنىڭ شېرىكچىلىكىمىز بىلىم، ماھارەت، مەشىق ۋە بىخەتەرلىك تەجرىبىمىزنى شىنجاڭدىكى شېرىكلىرىمىزگە ئۆگىتىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭدىكى كۆمۈركانلارغا تارقىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن: «شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە سىياسەت چىقىرىپ، كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇ كېلىشىم جاڭ چۈنشيەن 2011‏-يىلى 6‏-ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئىمزالانغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/amerika-shirkiti-04152016164215.html

Share
1484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.