logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى

cf6ef17d-f966-4dc2-bf41-d533068b415b

ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە قىسقىچە ئانالىز

ئۇيغۇر رايونى يېقىنقى مەزگىللەردە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ۋەقەلەر بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلدى. 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن 2014-يىلنىڭ باشلىرىغىچە قىسمەن بولسىمۇ جىمجىت ئۆتكەن مەزگىلدىن كېيىن بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى دېگەندەك جىمجىت بولماي قالدى. 300 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كېلەچىكى، نويابىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندا يولغا قويغان تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرى رايوننىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىشىمىزغا سەۋەب بولماقتا. ئالدى بىلەن كېيىنكى مەزگىللەردە رايوندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەرگە قاراشلىق 11 ناھىيىدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە ئېچىلغان «تېررورلۇق» دېلولىرىدا سوتلانغان 113 كىشى، بۇ يىل ئىيۇندا ئون يىلدىن ئۆمۈرۋايەت قاماق جازالىرى بولۇپ ھەر خىل قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
28-ئىيۇلدا يەكەندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە 96 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ۋەقە توغرۇلۇق قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا، ھۇجۇمنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 27 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا بۇلتۇر مەيدانغا كەلگەن «ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا كېيىنكى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 8 نەپەر ئۇيغۇر ئاۋغۇستتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇيغۇر رايونىدا تونۇلغان زىيالىي، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى بۇ يىل سېنتەبىردە بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بۇ يىل نويابىردا يەنە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا 7 يىل بىلەن 15 يىل ئارىسىدا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.
خىتاي تاراتقۇلىرى 15-سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە 26 مەخپىي قۇرئان كۇرسلىرىغا ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، 26 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۈگۈر ناھىيەسىدە 21-سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەلىرىدە 50 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 54 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.شۇ كۈنى يەنە بۈگۈردە بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا ۋە بىر نەچچە يېزىدا پارتلاشلار مەيدانغا كەلدى. پارتلاشلار نەتىجىسىدە 2 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
12-ئۆكتەبىردە قەشقەر رايونىدىكى بىر دېھقانلار بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر رايونىدا 2010-يىلى «زوراۋان» دەپ ئاتىغان گۇرۇھ سانىنى ئۆكتەبىردىن باشلاپ 140دىن 200گە چىقاردى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف 8-نويابىردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 25-نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى ئاز سانلىقلار مۇنبىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىنى ئەسناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرۈكنىڭ سۆز قىلىشىغا توسالغۇ بولماقچى بولدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تايلاندتا بىر ئورماندا يالغان پاسپورت بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەكەن ناھىيەسىدە 28-نويابىردا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 15 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى 28-نويابىردا كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋەقەلەردە 175 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. يەنە كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە رايوندا ئىنتېرنېت ئارقىلىق «خەتەرلىك نەرسىلەر»نى تارقاتقان ياكى ئۆيىدە دىنى كىتابلار بولغان 334 كىشى قولغا ئېلىندى. 18مىڭ دىنىي كىتاب مۇسادىرە قىلىندى. ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇزۇن كىيىم كىيىش پۈتۈنلەي چەكلەندى، دۆلەت ئىشچى-خىزمەتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا ۋە ناماز قاتارلىق دىنىي ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمىدى.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ گىئوسىتىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. رايوننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىمۇ سەل قارىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە ئاز ئەمەس. خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى ياۋروپاغا تۇتۇشىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ سۈپىتىدە قارايدۇ. يېقىندا ئېلان قىلىنغان يېڭى يىپەك يولى لايىھەسىنىڭ مەركىزى ئۆتۈش ئېغىزىمۇ يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدا. بىراق، 90-يىللاردىن كۈنىمىزگىچە رايونغا سېلىنغان سېلىنمىلاردىن ئۇيغۇرلار تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالالمايۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاشقۇن قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا سەۋەب بولىۋاتىدۇ.
خىتاي ھاكىمىيىتى 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بەزى ساۋاقلارنى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا بەزى قەدەملەرنى تاشلىدى. بىراق 2014-يىلنىڭ مارت ۋە ماي ئايلىرىدىكى پارتلاشلاردىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى «ھەممىدىن مۇھىمى بىخەتەرلىك»سىياسىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىي قىلىشى رايوندىكى مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدۇ. چۈنكى رايوندىكى ۋەقەلەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسەتلەر خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ بارماقتا.
رايونغا قوشنا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە بۇ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزدىن ھەل قىلىدىغان چارە تېپىپ خىتاي دائىرلىرىگە يەتكۈزۈش كېرەك. تۈركىيەمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپ ۋە دىنى مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
Share
1700 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.