logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن 11 شەھەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقىنى يوق

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خىتاينىڭ «2016-يىللىق شەھەر ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلىنغان.

دوكلاتتا رەقەملىك كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەر باھالاپ چىقىلغان.

ئۆلكە ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ئالدىنقى 10 شەھەرنىڭ ئىچىگە ئۇيغۇر رايونىدىن بىرمۇ شەھەر كىرەلمىگەن.

ناھىيە دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردىكى 100 شەھەرنىڭ ئىچىگە ئۇيغۇر رايونىدىن 11 شەھەر كىرگەن؛ بۇ شەھەرلەر، كورلا، ۋۇجياچۈي، شىخەنزە، ئارال، تۇمشۇق، فۇكاڭ، سانجى، قۇمۇل، كۈيتۈن قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرەرسىمۇ ئورۇن ئالالمىغان. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاساسلىقى خىتاي ئاھالىسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە تارقاتقان مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى يېقىنقى 20 يىللىق تەرەققىياتىنى كۆز-كۆز قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بۇ تەرەققىياتلاردىن رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق نەپ تەگمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئۆي-ماكان ۋە ئىش-ئوقەتلىرىدىن ئايرىلىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ تەرەققىياتلاردىن ئاساسلىقى، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بەھرىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئادالەتسىزلىكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ تەرەققىياتلارنى ساغلام تەرەققىيات دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ئىدى.

خىتاينىڭ شەھەر ھاللىق سەۋىيە كۆرسەتكۈچى ھەققىدىكى مەزكۇر دوكلاتى، ئۆتكەن ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاينىڭ تېڭشۈن تورىدا خەۋەر قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/halliq-sewiye-09062017175357.html

Share
1607 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.