logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇق 2016-يىلى كىرىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن

572c3b4f-3c48-4172-92a8-581736e3f831

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدىن ئىگىلىگەن نەق مەيدان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رايوندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خەۋەر تېپىشىمىزچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياكى تور ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان چەكلىمە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە، بولۇپمۇ خوتەن رايونىدا ھەممىدىن كۈچلۈك ئىكەن.

يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە «24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك» ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسى «تەۋەلىكتىكى ياشلارنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش – بىزنىڭ دائىملىق چارلاش خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دېدى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش خوتەن تەۋەسىدە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ماي ئېيىدىن ئېتىبارەن خوتەن تەۋەسىدە پۇقرالارنىڭ ئۈندىدار قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىشى بىردەك توختىتىلغان. ئەينى چاغدا ۋىلايەتلىك تېلېگراف ۋە كۆچمە تېلېفون ئىدارىسى «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنتېرنېت تورى بىلەن باغلانغان بارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى» ھەققىدە ئىستېمالچىلارغا تېكىست ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغانلىقى مەلۇم.

ئۇ يەنە خوتەن تەۋەسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكەنلىكى ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق دوستلار چەمبىرىكىگە مىللىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر، قىسقا ماقالىلەرنى يوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ ئاخىرىدا يەنە ساقچىلارنىڭ خوتەن تەۋەسىدىكى يول ئېغىزلىرى ۋە مۇھىم ئۆتكەللەردە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ تېلېفونىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ تېلېفونىدىكى كىچىككىنە ئۇچۇرلار سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساقچىخانا خادىملىرىدىن سىرت، ئاساسىي قاتلامدىكى «مۇقىملىق» كادىرلىرىمۇ بۇ ھەقتە بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى. ئۇلار زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ دائىم كەنت چارلاپ ياشلارنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-01052016142332.html

Share
1259 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.