logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش قارارى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەر 29‏-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي دەرس باشلىدى.

بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا رادىكال خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر.

بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1‏-يىللىقلىرىغا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. دەرسلىك ماتېرىيالى بىردەك خىتاي تىلىدا تارقىتىلىپ، ئانا تىلدا دەرس ئاڭلاشقا، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇشقا خاتىمە بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ياكى قوش تىل سىنىپلىرىغا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى بىردەك خىتاي تىلىدا تارقىتىش قارارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇ يىل 7‏-ئايدا چىقارغان ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مائارىپ نازارىتى بۇنىڭ بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپ سېپىدىكى بەزى يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە 1‏-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى، بۇرۇنقى بارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى، مەكتىپىگە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوقۇتقۇچى: ھازىر ماۋۇ دۆلەت تىلى، دەپ شۇنى يولغا قويدى، تېخى تولۇق ئەمەس. ھازىر ئوقۇتقۇچىلار تېخى ئەمەلىيلىشىپ بولالمىدى. بەك تېز بولۇپ كەتتى بۇ يىل. بۇ يىل بەك تېز ئۆزگىرىش بولۇپ كەتتى.

مۇخبىر: بۇ ئۆزگىرىش ياخشى ئۆزگىرىشتەك قىلامدۇ ياكى بالىلارغا سەلبىي تەسىر قىلىدىغاندەك قىلامدۇ؟

ئوقۇتقۇچى: قوش تىل ئوقۇپ چىققانلارغا ياخشى. بىراق، بىزنىڭ بۇ تۆۋەن دەرىجىلىك رايونلاردا قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇنداق بەك ياخشى بولۇپ كەتمىگەچكە، بالىلار ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغۇچە بىر ئاز ۋاقىت كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. ھازىر خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار 50% گە يەتتى. 50% مىللىي ئوقۇتقۇچى، 50% خەنزۇ ئوقۇتقۇچى بار. ئەمدى بۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ياخشى-يامانلىقىنى ئۇقىمىز.

مۇخبىر: ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ خەنزۇچىغا ئۆزگىرىشىگە ئوقۇتقۇچىلاردا قانداق ئىنكاس بار؟

ئوقۇتقۇچى: ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى دېسەم، ئىنكاس مېنىڭ ياخشى. ئاشۇ تىلنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىش بېجىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممىسى بىلىدۇ.

مۇخبىر: ئوقۇتۇش تىلى ۋە دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ بۇنداق تېز ئۆزگىرىپ كېتىشى بالىلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەمدۇ؟

ئوقۇتقۇچى: بىزنىڭ ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى مەركىزى باشلانغۇچلارنى ئاساسەن قوش تىل قىلىپ بولدى. بالىلار قوش تىل ئوقۇدى. لېكىن قوش تىل يەسلىسى بۇ يىل ئومۇملاشتى. قوش تىل ئوقۇغان بالىلار تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقسا ئۇلارغا ئېغىر كەلمەيدىكەن. بىراق، ماۋۇ يىراق يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە قوش تىل مۇئەللىمى يېتىشمىگەچكە، ئۇلار قوش تىل ئەمەس، ئۇلار مىللىي تىل-يېزىقىدا ئوقۇپ ماڭغان. ئۇلارغا تەس كېلىدۇ. بۇ يىل 7-يىللىقنىڭ يېڭى چىققان ئوقۇغۇچىلىرىغا تولۇقلا دۆلەت تىلى ئۆتىلىدىكەن. ماتېرىيالمۇ خەنزۇچە، سىنىپ تەربىيەچىلىرىمۇ خەنزۇلار. مۇشۇ قېتىم كەلگەن خەنزۇ يولداشلار سىنىپ تەربىيەچى. لېكىن 8-يىللىقنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمى قوش تىل. تەبىئىي پەن خەنزۇچە، ئىجتىمائىي پەن ئۇيغۇرچە.

مۇخبىر: بۇ بالىلار تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتسە، بۇ يىل ئېلىنغان بالىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇمدۇ؟

ئوقۇتقۇچى: ھەئە، مۇشۇ يىل چىققان بالىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق خەنزۇ تىلىدا ھازىر. 8-، 9-يىللىقنىڭ بالىلىرى پۈتتۈرۈپ كەتسە، ئۇيغۇر تىلى قالمايدۇ.

مۇخبىر: ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلىدۇ؟

ئوقۇتقۇچى: شۇنداق بولۇپ قالدى بۇ ئىشلار. بىزنىڭ بۇ يەردە خەنزۇچىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى، تەقسىم قىلىش، دەپ قۇلايلىق ساقچى پونكىتى ۋە ئۇيەر-بۇيەرلەرگە چىقىرىۋەتتى. كېرەكسىز مۇئەللىم دەپ. ئەمدى ماۋۇ ئانچە-مۇنچە ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقانلىرىمىزنى ھازىرچە ئېلىپ قالدى. 8-، 9-يىللىقنىڭ بالىلىرى چىقىپ كەتسە، بىز بۇ يەردە تۇرالمايمىز. بىز خەنزۇچە دەرس ئۆتەلمىگەندىن كېيىن كېرەكسىز ئوقۇتقۇچىلار قاتارىغا ئۆتۈپ كېتىمىز. ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈلگەن بولسا، قاۋۇل مۇئەللىملەر جىق ئىدى. ئەمدى مۇھىتقا ماسلىشالمىغاندىن كېيىن كېرەكسىز بولۇپ قالدۇق. قېلىپ قالغان 50% نىڭ يەنە 40% ئى چىقىپ كېتىدۇ.

مۇخبىر: بايام كونا دەرسلىكلەرنى يىغىۋالدى، دېدىڭىز، يېڭى دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇنىدا قانداق يېڭى ئۆزگىرىش بار؟

ئوقۇتقۇچى: كونا دەرسلىك 2003-يىلى بىر قېتىم، 2009‏-يىلى بىر قېتىم نەشر قىلىنغان ئوخشايدۇ. بىر ھەپتە ئاۋۋال 2009‏-يىلدىكى نەشر قىلىنغان كونا كىتابنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋەتتى.

مۇخبىر: ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ يېشى دەرسلىككە ماسلىشىشى قانداق بولۇۋاتىدۇ. بۇ يەردە دەرسلىكنىڭ روھىنى چۈشىنىش، ۋە ئاڭقىرىش مەسىلىسى بار. چۈنكى، ئۆزىنىڭ تىلىدا چۈشىنىش بىلەن باشقا تىلدا چۈشىنىش ئايرىم -ئايرىم نەرسە؟

ئوقۇتقۇچى: بايام تېخى بىر بالا بۇ مۇئەللىمنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمىدىم، دەپ يۈرەتتى بۇ يەردە. ئاتىسى تېلېفون قىلىپتىكەن، ۋاي، بالا چۈشەنمەپتۇ، دەپ. ئەمدى ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ ئۇلار بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقى راست.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنى بىكار قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ خىتاي تىلىنى قەدەم باسقۇچلۇق كېڭەيتىپ، بۇ يىل 7‏-ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەسلى، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يەسلى مۇئەللىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تىلى ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى پۈتۈن يەسلىلەردە ئومۇملىشىپ بولغان.

يەسلى مۇئەللىمى: بىزنىڭ يەسلىدە تەخمىنەن 600 دەك بالا بارغۇ دەيمەن. 600 دىن ئاشىدۇ. بىزنىڭ چوڭ يەسلى ئەمەسمۇ، يەسلىيمىزدە خەنزۇ بالىلارمۇ بار، ئارىلاش ئوقۇيدۇ. ئۇيغۇر بالىلار كۆپرەك، خەنزۇ بالىلار ئازراق. 3-4 سىنىپ خەنزۇ بالىلار چىقىدۇ. 200 دەك خەنزۇ بالا بارغۇ دەيمەن.

مۇخبىر: تىلنىچۇ، تىلنى قانداق قىلىسىلەر؟ قايسى تىلدا دەرس ئۆتىسىلەر بالىلارغا؟

يەسلى مۇئەللىمى: خەنزۇچىنى ئۆتىمىز، دۆلەت تىلىنى. بالىلار ئاساسى جەھەتتىن سۆزلىشەلەيدۇ. كىچىك سىنىپنىڭ بالىلىرى يېڭىدىن كەلدى، 4 ياشلىق بالىلار، ئۇلار پەقەت ئاددىيلا سۆزلەرنى بىلىدۇ، لېكىن بەك نېمە قىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنى ئەمدى قوبۇل قىلىۋاتىمىز. بۇلار تېخى مەكتەپكە كىرمىدى. مۇشۇ 9‏-ئايدا كىرىدۇ. لېكىن بۇلتۇر كىرگەن، ھازىر چوڭلار سىنىپىغا چىقىدىغان بالىلار بىلىدۇ. بالىلارنى 4 ياشتىن باشلاپ ئالىمىز. بۇ يىل ئالىدىغان بالىلار مەسىلەن، 2013‏-يىلى 8 ئاينىڭ 31‏-كۈنىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان بالىلارنى ئالىمىز. ئۇلار بىزدە 3 يىل ئوقۇيدۇ. 3 يىل ئوقۇپ ئۇنىڭدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقىدۇ.

مۇخبىر: ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىچۇ؟ ئۇلار سۆزلىشەلەمدۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا؟

يەسلى مۇئەللىمى: ئۇنى ئاتا-ئانىسى ئۆزى ئۆگىتىدۇ. ئۇلار سۆزلىشەلەيدۇ ئاساسەن، لېكىن بىز ھازىر ئۇلارغا ئاساسلىق دۆلەت تىلى ئۆگىتىۋاتىمىز. بۇ يەسلىدە بەكرەك خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلىمىز. بىزنىڭ ناھىيەلىك يەسلىگە ھەممە ئادەم ئارزۇلاپ ئەكېلىپ بېرىدۇ بالىلارنى، كېيىن ئىستىقبالى ياخشى بولىدۇ دەپ. مەنمۇ خەنزۇ تىلى ئۆتىمەن.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاساسى جەمئىيەت ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى زۆرۈر تەدبىر، دەپ ئاقلىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە زىيالىيلار بۇنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيەلىك قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيەنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghur-tili-08302017134310.html

Share
2370 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.