logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا چىرىكلىككە زەربە بېرىشتە سىياسىي ئۆلچەم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلماقتا

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

مېھرىبان

2015-u0206-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2014 – يىللىق چىرىكلىككە زەربە بېرىش دوكلاتىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن چىرىكلىك دېلولىرىغا چېتىلىپ جازالانغان ئەمەلدارلارنى سىتاتىستىكا قىلغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە ئىقتىسادى دېلولارغا چېتىلىپ جازالانغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە سىياسىىي سەۋەبتىن جازالانغان ئەمەلدارلار كۆپ بولۇپ، ئۇلار 300 دىن ئاشقان. ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايون دائىرىلىرى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، «سىياسىي جەھەتتە خاتالاشقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. بۇ ئەھۋال خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئانالىزچىلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ ھەپتە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىشەن دوكلات بېرىپ، 2014 – يىلى چىرىكلىك سەۋەبىدىن جازالانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ 232 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭلا 60 تىن ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. بۇلتۇر خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە «پارىخورلۇق، چىرىكلىك» قىلمىشى سەۋەبلىك جازالانغان ئەمەلدارلار كۆپەيگەن، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا جازالانغان يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىلىپ جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 2 – فېۋرال دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، «2014 – يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 355 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى» دېگەن خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە يەنە «سىياسىي سەۋەبتىن جازالانغان كادىرلار بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە سىياسىي مەيدانىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقى سەۋەبلىك جازالاندى» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەپتىدىكى يەنە بىر ئوبزوردا« 2015 – يىللىق كادىرلار خىزمىتىدە سىياسىي ئىنتىزام مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئۈچۈن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق» دېگەن بايانلار بېرىلدى. خەۋەردە يەنە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتە «زوراۋانلار ۋە تېررورچىلار قۇترىغان كەسكىن بىر ۋەزىيەت» تە تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇنداق شارائىتتا «سىياسىي جەھەتتىن خاتالاشقانلارنىڭ ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقى، ھەتتا ئامان قالمايدىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى چىرىكلىك بىلەن جازالانغان خىتاي كادىرلىرى نىسپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتارلىق خىتاي بولمىغان كادىرلارمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جايلاردا سىياسىي مەيدانى سەۋەبلىك جازالانغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپىيىشىدەك ئەھۋال خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر رايونىدىكى سىياسىتىدە، چىرىكلىككە زەربە بېرىشتىنمۇ بەكرەك بۇ جايلارنىڭ مۇقىم – تىنچ سىياسىتى ۋەزىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، ئەمما بېسىۋېلىنغان زېمىن ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائى مۇقىملىق ئەندىشىسى سەۋەبلىك، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمىدىغانلىقىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەسلىك، سىياسىي جەھەتتىن خاتالىشىپ قېلىش ئەندىشىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/chiriklikke-zerbe-02062015222932.html

Share
1563 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.