logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا پارتىيىلىك كادىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكمۇ – ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى

 

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئادۋوكاتلار تورى قاتارلىق بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى تەرىپىدىن تۈزۈپ تارقىتىلغان «ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل كونكرېت ئىپادىسى» ناملىق بىر قوللانما كۆچۈرۈپ بېسىلغان. قوللانمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر، بولۇپمۇ بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئەسەبىيلىككە باغلاپ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى غەلىتىلىك ۋە مەنتىقسىزلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دىققەت تارتقان نۇقتىلاردىن بىرى، قوللانمىنىڭ 8 ‏-مادىسى. بۇنىڭدا «كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ بېكىتىلگەن.

مەزكۇر ماددىدا «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى چەتكە قېقىش، ئۇلار بىلەن باردى -كەلدى قىلماسلىق، قۇدا-باجا بولماسلىق، ئاغرىپ قالسا يوقلىماسلىق ۋە ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دېيىلگەن.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر رايونىدا راستىنىلا كىشىلەرنىڭ پارتىيىلىك كادىرلار بىلەن سالاملاشماسلىق ھادىسىسى مەۋجۇتمۇ؟ بولسا بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى، دىنىي زات ئابدۇئېزىز ئەپەندى ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچى مەمەت توختى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئابدۇل ئەزىز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك كادىرلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقى راست، چۈنكى ئۇيغۇرلار بىر مۇسۇلمان خەلق بولۇش بىلەن بىللە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىغا ۋە ئېزىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دائىرىلىرى پارتىيىلىك كادىرلار ئىچىدىن باشلىق تاللىغاندىمۇ، ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتىنى ئەمەس، خىتايغا بولغان ساداقىتىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىۋاتىدۇ.

يەنە ئابدۇل ئەزىز ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىقىدىن سىرت يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، خىتاي دائىرىلىرى ئاممىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش نامى ئاستىدا، كىشىلەرنى چارلاش ۋە باستۇرۇش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە مەجبۇرلاۋاتىدۇ، بۇ مەجبۇرلاشلاردا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار يېتەكچى رول ئويناۋاتىدۇ. مانا بۇ ئەھۋاللار، ئەزەلدىنلا ئاساسى ئاجىز بولغان كادىر ۋە ئامما مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرۈپ، ئاممىنى كادىرلاردىن، بولۇپمۇ مەنسەپ تۇتقانلىرىدىن قورقىدىغان، يىرگىنىدىغان پسىخىك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ پارتىيىلىك كادىرلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ۋە سالاملاشماسلىقى، نورمال بىر ئىجتىمائىي ھادىسە، ئۇنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

كانادادا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن سالاملاشماسلىق ھادىسىسى ئۈستىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر سىياسىي ئىسيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا قارشىلىقنىڭ ئاددىي ۋە ئوچۇق ئىپادىسى.»

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رايوندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەقسىز سىياسەت ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، بىر قىسىم كىشىلەرنى ھاياتى بەدىلىگە، يەنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش يولىغا مەجبۇرلىغان بولسا، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى مىللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە مەيدان ئايرىشقا، قولىدىن كەلگەن شەكىلدىكى قارشىلىق ئارقىلىق ئۆز غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىپادىلەش ۋە دەردلىرىگە تەسەللى تېپىش يولىغا مەجبۇرلىغان. كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن سالاملاشماسلىقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد بىلەن بولغان باغلىنىشىغا قارىغاندا، سىياسىي نارازىلىق ۋە سىياسىي ئىرادىنىڭ باغلىنىشى قويۇق.

يەنە يېقىندا خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەقە تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بار كىشىلەرنى ناھىيە رەھبەرلىرى بىلمەيدۇ، يېزا رەھبەرلىرى بىلمەيدۇ، ئەمما بىلىدىغاندەك كۆرۈنۈۋالىدۇ، كەنت رەھبەرلىرى بىلىدۇ، ئەمما مەلۇم قىلمايدۇ.»

مانا بۇ باياندىن قارىغاندا، نۆۋەتتە يېزىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كۆپ قىسمى جىددىي مەسىلىلەردە يەنە ئۆز مىللىتى تەرەپتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتاي دائىرىلىرىنى داۋاملىق تۈردە ئەندىشىگە سالماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/qol-eliship-korushush-02022016154309.html

Share
1370 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.