logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا ساقاللىق ۋە يەكتەكلىك بىر ئىسرائىلىيە پۇقراسى «دىنىي رادىكال» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

ئىسرائىلىيە ئاخباراتى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارغان ساقاللىق ۋە يەكتەكلىك بىر يەھۇدى پۇقراسىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرپىدىن «دىنىي رادىكال» دەپ، تۇتۇپ قىلىنىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە «ئارۇتىز شېۋا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ SKS مېھادرىن ناملىق  يەھۇدى يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى دىنىي نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر مەسئۇل خادىمى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارغان. بىراق، ئىسرائىلىيەلىك بۇ دىنىي خادىم ساقال قويۇپ، يەھۇدى دىن ئادەملىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي دىنىي كىيىمى-خارېدى كىيىۋالغاچقا، مۇسۇلمان «دىنىي رادىكال» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ كار قىلمىغان. ساقچىلار ئۇنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، نەچچە سائەت سوراق قىلغان.

ئۇ ئىسرائىلىيە «ئارۇتىز شېۋا» تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، «ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارغان شىوپۇر ھەرقانچە چۈشەندۈرگەن، مېنىڭ كىملىكىمنى تەرجىمە قىلپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەسقاتمىدى. ئۇلار مېنى تۇتقۇن قىلىپ سوراق قىلىشقا ۋە مېنىڭ بىخەتەرلىككە زىيانلىق  ئەمەسلىكىمنى ئېنىقلاش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى» دېگەن.

بىراق خەۋەردە، بۇ ۋەقەنىڭ كونكرېت قايسى كۈنى، قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇ يەھۇدى دىن ئادىمىنىڭ ئىسمى قەيت قىلىنمىغان

يەھۇدى ئاياللار ۋە بالىلار

بۇ يەھۇدىلارنى مۇسۇلمان دەپ ئويلاپ قالماڭلار

Share
2197 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.