logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا روزا ھېيت تەھدىت ۋە تەقىب بىلەن باشلانغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىللىق روزا ھېيت يىللاردىكىدىنمۇ كەڭ-كۆلەملىك تەقىب ئىچىدە باشلانغانغا بولسا، ھېيت نامىزىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئوقۇلغان. ھەتتا بەزى مەسچىتلەردە ھەر 6 نامازخانغا بىردىن نازارەتچى توغرا كەلگەنلىكى مەلۇم.

بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە دۆلەت كادىرلىرى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئەمەس، قاتنىشىشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان.

رامىزان ئېيىنى ئىككىيۈزلىمىلىككە قارشى كۈرەش دولقۇنى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا ساداقەتمەنلىك قەسەمياد يىغىنلىرى بىلەن ۋەھىمىلىك ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھېيت نامىزىنىمۇ كۈچلۈك تەقىب ۋە نازارەت ئاستىدا باشلىغان.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ياڭخاڭ مەسچىتىگە توپلانغان جامائەت ئالدى بىلەن بايراق چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇلغان. مەسچىتتە ئەرزان ئوقۇلۇشتىن ئاۋۋال خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرى ئوقۇلغان. ھېيت نامىزىدا ئىمام ھېيت خۇتبىسى سۆزلەشتىن ئاۋۋال «جۇڭگوچە يولدا مېڭىش ۋە جۇڭگوچە روھنى جارى قىلدۇرۇش» دېگەن تېمىدا سىياسىي لېكسىيە سۆزلىگەن.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئوقۇلغان ھېيت نامازلىرى مۇسۇلمان بىر قوۋمنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىمى شەكلىدىن كومپارتىيەنىڭ سىياسىي تەشۋىقات سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلۇشقا تىرىشىلغان ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەن. شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى خەۋىرىدىكى بايانلارمۇ بۇنى دەلىللىمەكتە.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىللىق روزا ھېيتتا ھېيت نامىزىغا كەلگەنلەر سانىنىڭ يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكى يېزىلغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىمۇ بۇ ئەھۋالنى دەلىللىمەكتە.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، نەچچە مىڭ كىشى سىغىدىغان، ھەتتا مەسچىتكە سىغمىغان جامائەت كوچىلارنى لىق ئىگىلەيدىغان ياڭخاڭ مەسچىتىدىكى ھېيت نامىزىغا بۇ يىل پەقەت 200 چە كىشى قاتناشقان.

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىن ئىگىلىشىچە، ياپچان بازىرىدىكى 1500 دىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بىر كەنتتىن، پەقەت 141 كىشى نامازغا قاتناشقان. نامازخانلار مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى، ساقچى خادىملىرى ۋە كەنت كادىرلىرى بولۇپ ئاز دېگەندە 21 كىشى تەرىپىدىن مەسچىت ئىچى-سىرتىدىن نازارەت قىلىنغان.

ئىنكاسلاردا دېيىلىشىچە، بۇ يىللىق ھېيت نامىزىنىڭ بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدە داۋام قىلىشىغا ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن خاتالىشىپ قېلىش ئەندىشىسى، يېزا-كەنت ئاھالىلىرى ئىچىدە كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ تەربىيىلەش مەركىزى، قاماقخانا ۋە تۈرمىلەردە بولۇشى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېيت نامىزىدىن قەتئىي چەكلىنىشى سەۋەب بولغان.

بۇ ھەقتە تەسىرات بايان قىلغان بىر كېچىلىك بىخەتەرلىك نۆۋەتچى خادىمى، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ھېيت نامىزىغا بېرىش ئەمەس، بېرىشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھېيت نامىزىغا بارالماسلىق ۋەزىيىتى شەكىللەنگىنى 4، 5 يىلچە بولغان، بۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا رەسمىيلەشكەن، پۈتۈن ئۇيغۇر كادىرلار مەسچىتكە بېرىش ئەمەس، مەسچىتنى بېقىش ئۈچۈن پارتىيە -ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن بۇيرۇق كۈتىدىغان بولغان.

ئىنكاسلاردا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ھېيتلايدىغان نەچچە يۈز يىللىق ئادىتىمۇ، بۇ يىللىق ھېيت جەريانىدا ئىپادىسىنى كۆرسىتەلمىگەن. بۇنىڭغىمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى، يەنى تەھدىت ۋە تەقىبلەشلەر سەۋەب بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-heyt-06292017163948.html

Share
1718 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.