logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا رامىزان ھارپىسىدا «تېررورلۇق»قا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

 

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت ئېيى- مۇقەددەس رامىزان ھارپىسىدا ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى، چېگرا قوغداش قىسىملىرى، بىڭتۈەن ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ بىرلەشمە «تېررورلۇق»قا قاشى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.

«تەڭرىتاغ » تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، «چېگرا بىرلەشمە ھەرىكەت‏-2017‏‏» دەپ نام بېرىلگەن مانېۋىر ئۈرۈمچى بىلەن ئىلى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە، مانېۋىرنىڭ كونكرېت ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق 4 مىڭ كىشىلىك مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق مەيدانى ئۈرۈمچىدە، تارماق مەيدانى ئىلى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مانېۋىرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسى كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەن  ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم مەسئۇللىرىنىڭ كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، مانېۋىردا راست ئوق ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مانېۋىر خىتاي بىرلەشمە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا سۇقۇنۇپ كىرگەن ئاتالمىش خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ قورال-ياراق يۆتكەش يولى ۋە چەتئەلدىكى مەشق بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش تەقلىد قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ سۈرىيەدە قورال-ياراق تەلىمى ۋە ئەمىلىي ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قارىشىنى ئىسپاتدىغان ھېچقانداق بىر دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان. ئۇنىڭ  25‏-مايدىكى بىرلەشمە مانېۋىرى دەل مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت ئېيى-رامىزاننىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن. دائىرىلەر مانېۋىرنىڭ رامىزانغا توغرا كېلىپ قېلىشىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ، رامىزاندا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنى ئالغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ramizan-terorluq-05262017165700.html

Share
834 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.