logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا «باش نىشاننى چۆرىدەش» چاقىرىقىدىن كېيىن، پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغان

peoples_republic_of_china_biometric_passport

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا پاسپورت يىغىۋېلىش ھەققىدە كەڭ-كۆلەمدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

قۇمۇلنىڭ دۇڭخې رايونلۇق ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا، بۇرۇن پاسپورت ئالغانلارنىڭ پاسپورتلىرىنى 18-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ساقچىغا تاپشۇرۇشى بۇيرۇلغان، ئەگەر تاپشۇرۇلمىسا پاسپورت ئىگىلىرىگە ئاۋارىچىلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ماناس ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى 10-ئۆكتەبىر كۈنى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا 11-ئۆكتەبىردىن باشلاپ پاسپورت بېجىرىشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. فېيسبوكتا رەسىملىك ھالدا تارقىلىۋاتقان ئۇقتۇرۇشلاردىن يەنە بىرقانچىسى شىخەنزە ۋە ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇلاردا ھەتتا پاسپورت ۋاقتىدا قايتۇرۇلمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھەققىدە تەھدىتلىك ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن.

پاسپورت يىغىۋېلىش ھەققىدىكى بۇ جىددىي ۋە كەڭ دائىرىلىك ئۇقتۇرۇش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى ئەمەلدارى چېن چۈەنگونىڭ ھەممە ئىشتا باش نىشاننى چۆرىدەش چاقىرىقىغا بىنائەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر چاقىرىقتا، ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىش، پايدىسىز بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلماسلىق تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىنى بۇرۇندىنلا مۇقىملىققا پايدىسىز دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-pasport-10192016132500.html

Share
764 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.