logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا ئەرزدارلارنىڭ شەھەر ئاتلىشى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چەكلەندى

2c4305bb-b78c-495a-a405-2f50364ccb68

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئەرز قىلىپ بارغان ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن قايتۇرۇپ ئەكېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلگەن، بەزى نۇقتىلىق ئەرزدارلارنى ئۆز تەۋەلىكىدىن چىقارماسلىق مەقسىتىدە نەزەربەند قىلغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە نەزەربەند مەزگىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن يۇرت ئاتلاپ ئەرزىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى

image

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇرنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى پاتىگۈل غۇلام، نۇرۇنگۈل توختى قاتارلىق غوللۇق ئەرزدارلارنى قاماققا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، باشقا بارلىق ئەرزدارلارنى ئۆز شەھىرىدىن سىرتقا چىقارماسلىق تەدبىرىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى ئاپتوبۇس بېكەت ۋە پويىز ئىستانسىلىرىغا ئەرزدارلار قارا تىزىملىكىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ شەھەر ئاتلىشىغا يول قويمىغان. نەتىجىدە رايوندا ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلەردىن بىرى بولغان قاتناش ئەركىنلىكىمۇ دەپسەندە قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-erzdar-04162015144921.html

Share
1441 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.