logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكەن يىلى 1000 غا يېقىن كىشى «ئىغۋا تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان

 

ئەركىن

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 1000 غا يېقىن كىشى «توردا ئىغۋا تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. مەزكۇر ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئۆتكەن يىلى توردا ئىغۋا تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاۋۋالقى يىللاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، 2013-يىلى رايوندا 256 كىشى «توردا ئىغۋا تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى توردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا دائىر ماتېرىيال، ماقالە، ۋېدىئو، يازمىلارنى تازىلاپ، بۇ خىل مەزمۇنلارنى چاپلىغان ياكى يازغانلارنى قاتتىق باستۇرغان، مەخسۇس تور مۇنبىرى تەسىس قىلىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن تور پايلاقچىلىرىنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويغان.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، رايوندا ھازىرغا قەدەر 1800 كىشى 14 شەھەر ۋە ۋىلايەتتىكى تور پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدىغان تور نازارەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى «تېررورلۇق ۋەقەلەر» گە تور ئارقىلىق تارقالغان دىنىي رادىكال تەشۋىقات سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تورغا قويغان چەكلىمىسىنى قانۇنلۇق، دەپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ighwa-tarqitish-01082016165426.html

Share
1189 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.