logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلامدىكى 5 پەرزنىڭ بىرى – زاكاتنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «چېن چۈەنگونىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن بىلىشكە تېگىشلىك سوئال-جاۋاب» ماۋزۇلۇق بىر ئۆگىنىش ماتېرىيالىنىڭ سۈرەت كوپىيەسى تارقالدى. ماتېرىيالنىڭ «رامىزان مەزگىلىدىكى ئالتىنى قەتئىي چەكلەش قايسىلار؟» ماۋزۇلۇق قىسمىدا زاكاتنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان بازىرىدىكى كەنت سېكرېتارلىرىدىن مەلۇمات سورىدى. سېكرېتارلار زاكاتنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللىدى. بەزىلەر بۇ چەكلەشنىڭ 2 يىلدىن بېرى، بەزىلەر بولسا 5 يىلدىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان يۇقىرىقى ماتېرىيالدىكى «6 چەكلەش قايسىلار؟» دېگەن سوئالغا، رايون ئاتلاپ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش، دىنىي ۋەزىپىسى يوقلارنىڭ تەپسىر قىلىشىنى چەكلەش، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىئانە يىغىشىنى چەكلەش، زاكات بېرىشنى چەكلەش، مەسچىتلەردە ئىپتار تامىقى يېيىشنى چەكلەش ۋە خەتمە تاراۋىنى چەكلەش» دەپ جاۋاب بېرىلگەن. بىز بۇلاردىن خەلقئاراغا تېخى ئاشكارىلانمىغان-زاكاتنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. قەشقەر يېڭىشەرنىڭ ياپچان بازىرىدىكى كەنت سېكرېتارلىرى سوئاللىرىمىزغا ئوچۇق جاۋاب بەردى.

دىنىي ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، ئىسلامدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغان زاكات بېرىش، جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئادالەتنى شەكىللەندۈرۈش، ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقلارنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭشەش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللىي بىرلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنى ئىقتىسادىي مەنبەدىن ئايرىپ تاشلاش ئۈچۈن زاكاتنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-zakat-06262017163231.html

Share
809 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.