logo

trugen jacn

ئۇيغۇر دىيارىدا قازاقىستان مەھسۇلاتلىرى مەنئى قىلىنىشقا باشلىدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سانجى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى 22-سېنتەبىر كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوبلاست تەۋەلىكىدىكى دۇكانلاردا قازاقىستاندىن كەلگەنلىكى ئاشكارا يېزىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان

ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ، «قازاقىستان ماللىرى، جۈملىدىن قازاقىستان بىلەن باغلىنىشلىق ۋىۋىسكا، ئېلان تاختىلىرى، قول-ھۈنەر بۇيۇملىرى، رەسىم ۋە مايكىلارنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ»، دېيىلگەن. بۇ ھەقتە قازاقلاردىن بىرەيلەن ئۇچۇر بېرىپ، «ھازىر شىمالدا قازاقىستاننىڭ ماللىرىنى سېتىش مۇمكىن ئەمەس. قىمىز، قازاقىستان ئۇنى، قازاقىستاندىن كەلگەن يېشىل يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى،» دېگەن

بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاي-يۇلتۇز شەكلى چۈشۈرۈلگەن ھەرقانداق مەھسۇلات «پان تۈركىزم» گە باغلىنىپ مەنئى قىلىنغان ئىدى. مۇلاھىزىچىلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا قازاقىستان ماللىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ئىلگىرى قازاقلارنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويغان ئىدى. ئەمدىلىكتە قازاقىستان ماللىرىنى چەكلەش ھادىسىسى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقلارنىمۇ قوشۇپ باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»، دەۋاتقانلىقى مەلۇم

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qazaqistan-malliri-uyghurda-meni-qilindi-09272017225903.html

Share
3148 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.