logo

trugen jacn

ئۇيغۇر دىيارىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سۈرئىتى يەنىلا تېز بولماقتا

 

1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق ئۇچۇردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ يەنىلا خەتەرلىك ھالدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى-ساقلاش نازارىتى ئېلان قىلغان 2016-يىللىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 2016-يىلى 1-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان قىسقىغىنا ئون ئايدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ سانى 3708 نەپەر ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوكلات قىلىنغان ئومۇمىي ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ سانى 39840 نەپەرگە يەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش بويىچە كونا رايون بولۇپ، بۇ جايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى كۆپ ئىكەن. ئەمما دىققەت تارتىدىغىنى ھازىر ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، قاتارلىق جايلاردىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تېز ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ئىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئاساسلىقى جىنسىي ئالاقە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراش مەسىلىسى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ دىققەت بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. ئۇلار ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىنمۇ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتىنىڭ بۇنداق ۋەھىمىلىك بولۇشىغا ئاساسلىق دائىرىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىزدىن ساقلىنىش ھەققىدە خەلقنى يېتەرلىك دەرىجىدە ساۋاتقا ئىگە قىلماسلىقى، كەڭ كۆلەمدە ۋە ئىزچىل تۈردە تەشۋىقات ھەم تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرمىغانلىقى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ زور دەرىجىدە يېتەرسىزلىكىمۇ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-eydiz-12012016145535.html

Share
1495 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.