logo

trugen jacn

ئۇيغۇر دارۋاز ئەسقەر ئوبۇلقاسىم يېڭى رېكورت ياراتتى

5682638633darrwaz

توردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 42 ياشلىق ئۇيغۇر داۋاز ئەسقەر ئوبۇلقاسىم يۈننەننىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە 150 مېتىر ئىگىزلىكتىكى پولات ئاغامچىدا كۆزىنى تېڭىپ مېڭىپ، دارۋازلىقتا يېڭى رېكورت ياراتقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەسقەر ئوبۇلقاسىم بۇ قېتىم ئىككى بىناغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر، ئېگىزلىكى 150 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارغامچىدا كۆزىنى تېڭىپ ماڭغان ۋە ئۇ پولات ئارغامچىدا مېڭىش جەريانىدا ھەر خىل خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداپ دارۋازلىقتا يېڭى رېكورت ياراتقان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسقەر ئوبۇلقاسىم 2013 – يىلىمۇ يۈننەندە كۆكتە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئىككى ھاۋا شارىغا تارتىلغان دىئامېتىرى 5 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارغامچىدا 38.35 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. دارۋازلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى.ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك تالانتى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن يېقىنقى يىللاردا خىتاي ۋە خەلقئاراغا تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر دارۋاز دەپ تەرىپلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/dawazliq-05192015214900.html

Share
2488 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.