logo

trugen jacn

ئۇيغۇر خەلقى مىللىي زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشى كېرەكمۇ؟

مەمتىمىن ھەزرەت

 

ئۇيغۇر خەلقى مىللىي زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشى كېرەكمۇ؟

 

مەن 1. ماي كۈنى “ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئويلىنىش” تىمىسىدىكى ماقالەمنى ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنى نۆۋەتتىكى زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا چاقىرغان ئىدىم.  كوللېكتىپ مىللىي قەتلىيامدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەبىر ۋە سۈكۈت ئارقىلىق بۇ قېتىمقى مىللىي قىرغىنچىلىقتىن ئاز زىيان بىلەن چىقىشنىڭ ھۇھىملىغىنى تەكىتلىگەن ئىدىم. بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئۇلۇغ، ئامما چارىسىز ئۇيغۇر مىللىتى سۈكۈت قىلىپ تۈرسىمۇ، خىتاي دۆلىتىدىن ئىبارەت غايەت زور زەنجىر تاپانلىق تراكتور ئاستىدا يۇمران مايسىلاردەك ئىزىلىپ چەيلىنىشتىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ

بۈگۈن ”تەڭرىتاغ تورى“غا باقتىم. 8. ئىيۇن كۈنى “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكىلەر ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى“ سەرلەۋھىلىك ماقالىغا كۆزۈم چۈشتى.يېغىندا ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دايىمىي كومىتېت مۇدىرى نەيىم ياسىن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماي، ئۇلارنى ‹‹كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغان››دەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش“ توغرۇلۇق چالۋاقىغان ۋە بارلىق مىللىي كادىرلارنى نەخ مەيداندا ”تۆۋەنامە“لىرىگە ئىمزا ئاتقۇزغان. 6. ئىيۇل كۈنى كادىرلار نازارىتى بۇ خىل يېغىن ئاچانلىغى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
رامزاننىڭ 2. كۈنى بولغان 27 ماي كۈنى قەشقەردە ۋە ناھىيىلىرىدە 100 مىڭ كىشىلىك قەسەمياد يېغىنى ئېچىلدى. “ئىككى يۈزلىمىچىلىك قارشى كۈرەش قىلىش” قەسىمىنى قورچاق ۋالى ياسىن سىدىق قىلدۇردى. يېغىنغا زورلاپ ئەكەلگەن ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى سۇ ئىچكۈزۈپ خەلقنىڭ روزىسىنى بۇزدى. خەلقىمىز دىنى ئېتىقادى تۈپەيلى ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىلدى،ئىززەت- نەپسى ھاقارەتكە ئۇچرىدى. 5.ئاينىڭ 29-30. كۈنلىرى خوتەندە قورچاق ۋالى ئەزىز مۇسا 1 مىليون 100 مىڭ كىشىگە، غۇلجىدا 6.ئاينىڭ 2. كۈنى ئىلى ئوبلاست پارتىكومنىڭ قورچاق مۇئاۋىن سېكىرتارى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر 100 مىڭ كىشىگە “قەسەمياد” قىلغۇزغانلىغى “تەڭرىتاغ” توردا ئېلان قىلىندى.بۇ يېغىنلاردىمۇ ئوخشاشلا يىغىن ئەھلىگە مەجبۇرى سۇ ئىچكۈزۈپ مىللىتىمىزنىڭ ئىسالامى ئىتىقادى مەسخىرە قىلىنغان.
ئىككى يۈزلىمىچى كىملەر؟ خىتايغا خىزمەت قىلىپ ئۆز خەلقىگە يەتكۈچە زۇلۇم قىلالمىغان ئۇيغۇر كادىرلار، زىيالىلار. كىمگە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىپلىنىۋاتىدۇ؟ شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە كۆچمەن خىتايلارغا. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي غۇرۇرى مىسلىسىز دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلىنماقتا.
ئۇرۇمچىدە 1400 ساقچى مەركىزى (پەيچۇسو) بار. (چىنچۇۋەنگو كەلگەندىن كېيىن 900 ساقچى مەركىزى يېڭى قۇرۇلدى). 2-3 يۈز مىتىرلىق ئارىلىقتا بىر پولىس تەكشۈرۈش مەركىزى بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىر كوچىدىن، باشقا بىر كوچىغا ئۆتۈشتە بەك ئېغىر توسالغۇلارغا ئۇچىراۋاتىدۇ. خىتاي ۋە ئۇيغۇرلاردىن كوچا لۈكچەكلىرىنى ساقچىلىققا ئالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ساقچىلار تەكشۈرۈش باھانىسىدا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا خوتۇنلىرىنىڭ، ئاكىلىرىنىڭ ئالدىدا سىڭىللىرىنىڭ كۆكسىنى مىجىقلاپ، ئۆزىنى تۇتالماي قارشىلىق كۆرسەتكەن بىر مۇنچە ئۇيغۇر يىگىتلەرنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولماقتا. دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن جىددىي قۇتقۇزۇشقا تىگىشلىك كېسەللەر ئارىسىدا دەرۋازىدىن بالىنىسقىچە 5 تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولغىچە جېنى چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغانلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئادەتتىكى بىر ئەھۋالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىدە 15-20 يىلدىن بىرى ياشاپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئائىلىلەرنى مەجبۇرى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئاتا- ئانىلار ئىش- ئوقەتلىرىدىن، بالىلار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەرھەردىن، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىدىن ئايرىلىپ يىغا- زارە ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. چەتئەلگە بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقچى ئىدارىسىدە ھېساب بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە زىيالىلارغا گېزىت، تورلاردا “تۆۋەنامە” ئېلان قىلدۇرۇلۇپ، ئابىرويىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەپ بولماقتا. شۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا خەلقىمىز تارىختا كۆرۈلمىگەن ئېغىر خارلىق، ھاقارەت ئىچىدە قالماقتا

رامىزان ھارپىسىدا چىرا ناھىيىسىدىن 1000 نەپەر ئىشسىز ئۇيغۇر قىز، يىگىت ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېۋەتىلگەنلىكى، بۇ يىل ئىچىدە بۇ ناھىيىدىن 60 مىڭ ئىشسىز ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى يەنە تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىندى. چىرا ناھىيىسىنىڭ ئۇمۇمىي نوپۇسى 130 مىڭ. تېرىلغۇ يەرلىرى، چىلان ۋە ئانار باغلىرى كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چىرا خەلقى تامامەن ئىشسىز. ئىشسىزلىق ۋە ياش ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتايغا يۆتكەش سەپەرۋەرلىكى پۇتۇن يۇرتىمىزدا سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا. ۋەتىنىمىزدە تۇرمىلاردا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندىن ئىبارەت 3 دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئۇمۇمىي سانىدىنمۇ ئارتۇق. ئەيدىز يۇقتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى، ئەيدىز توغۇلغان ئۇيغۇر بوۋاقلارنىڭ سانى كۈنسىرى كۇپەيمەكتە. ئۇيغۇر سەبى بالىلارنى، ياشانغان ئاتا- ئانىلارنى ئىشلەپ باقىدىغان ئەمگەك كۈچى ئىنتايىن يېتەرسىز. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھايات چەمبىرى سۈرئەت بىلەن تارايماقتا. ھاياتتا قالغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىماقتا. نىمە قىلىش كېرەك؟

خىتايدىكى تور ئىنقىلابى

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قارشىلىق كۆرسىتىشى توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلىشتىن بۇرۇن خىتايدىكى يېڭى شەكىللەنگەن قارشىلىق ھەرىكتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئوتەي.چۈنكى بىز خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۈزىتىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم
خىتايدىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىققان گوۋىنڭۇي دەيدىغان بىر مىلياردار بار. ئۇ نىيو يوركتا بىر مۇددەت جىم ياتقاندىن كېيىن بۇ يىل 1. ئايدىن باشلاپ ”باۋ سەي، باۋ مىڭ، باۋ چۇ“ ( مالنى قوغداش، جاننى قوغداش، ئىنتىقام ئېلىش) شوئارى بىلەن ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى چىرىكلىشىش، پارىخورلۇقنى پاش قىلىشقا باشلىدى. پاش قىلغانلىرى پۈتۈن خىتاينىلا ئەمەس، دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرمەكتە. ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا گوۋىنڭۇينىڭ سېپىگە قوشۇلغان خىتايلارنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق، زوراۋانلىقىنى پاش قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان تۆۋەن تەبىقە ئائىلىلەرگە مەنسۇپ ئىشسىز ياشلار، ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان يېزا ياشلىرى، شەرھەرلەردىكى ئىختىسادىي تەرققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان تۆۋەن تەبىقە ئاھالىلار. دەسلەپتە گوۋىنڭۇينى ئۆزلىرىنىڭ داھىسى دەپ تونىغان بۇ گۇرۇپپا ھازىر گوۋىنڭۇيدىن ھالقىغان بىر ”تور پارتىسى“نى شەكىللەندۇرمەكتە ۋە 100 مىليوندىن ئارتۇق قۇرالسىز بىر ئارمىيەنى تەشكىل قىلغان ۋەزىيەتتە. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە بۇلارنىڭ غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭمۇ سانى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن قارشى چىققۇچىلار قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى تۇرمىغا سولاپ بولۇش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى ئۇلار پەقەت توردىلا خىتاينىڭ ھەر قاتلام ھاكىمىيەتلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدۇ. ھىچ قانداق زوراۋانلىق ھەرىكتى ئېلىپ بارغىنى يوق. بۇ ھەركەت مەلۇم باسقۇچتىن كېيىن ئۇمۇمى نامايىشقا ئايلىنىش ئىھتىمالىمۇ يوق ئەمەس

 
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قانداق بولىشى كېرەك؟

 
بۇگۈنكى شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغلارغا ئوخشاش تور ئىنقىلابى قىلىش شارائىت ۋە ئىمكانىيىتى يوق. بۈگۈن كوللېكتىپ ئىسيان، مىللەت سۈپىتىدە يۇرتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ مازارلىقىغا ئايلاندۇرۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. پادىغا ئوخشاش چېچىلاڭغۇ ۋە خەۋىپ ئاستىدىكى ھاياتىمىزدىن پەرۋايىمىز پەلەك ياشاۋەرسەكمۇ، تەقدىرىمىز ئىلگىرى، ئاخىرى ئۆلۈپ تۈگەش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ
ئۇيغۇر مىللىتى نىمە قىلىشى كېرەك؟ مەن قىلىدىغان قارشىلىقنىڭ ئىسمىنى “سۈكۈت ھەركىتى” دەپ ئاتىدىم. سۈكۈت ھەركىتى قانداق بولىدۇ؟ رامىزان ئېيى ئىچىدە خىتاي ھاكىمىتى ۋىلايەت، ناھىيەلەردە 100 مىڭ، ھەتتا مىليۇن ئۇيغۇرنى مەيدانلارغا توپلاپ ”ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى كۈرەش، كۇمپارتىيەگە ساداقەت“ يېغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىۋاتىدۇ. بۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ”سۈكۈت ھەركىتى“ ئۈچۈن تېپىلماس ياخشى پۇرسەت. خەلق يېغىلغان مەيدانلاردا ئولتۇرۇدۇ. مەجبۇرلانغان قەسەمياتنى قىلمايدۇ. ھەممەيلەن سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرىدۇ. سۇ ئىچمەيدۇ،نان يىمەيدۇ.گەپ قىلمايدۇ. قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ.ئەسلىدە ھەركەت ئەمەس، سۈكۈت قىلىدۇ. بىر مەيداندا 10 مىڭ ئادەم بولسا، 5 مىڭ كىشى تۇتۇلۇپ كەتكەندىمۇ قالغان 5 مىڭ كىشى قاچماستىن، ھۇدۇقماستىن، كۆڭلىدە ياراتقان ئاللانى زىكرى قىلىپ سۈكۈت بىلەن ئولتۇرۇشنى داۋام قىلىدۇ. بۇ ”سۈكۈت ھەركىتى“نى ئالدى بىلەن بىر يېزا، ياكى بىر ناھىيىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللىشى ئىنتايىن مۈھىم. بىر يەردە باشلاندىمۇ بۇ ھەركەت پۈتۈن يۇرتقا چاقماق تىزلىگىدە تارقىلىدۇ ۋە ئۇمۇملىشىدۇ. بۇنداق بىر خەلق ھەركىتى دۈنيادا غايەت بۈيۈك دىققەت قوزغىيالايدۇ. خىتاينىڭ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى، ئىززەت،نەپسىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان، مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئۈمىت، ئىشەنچىسىنى يوق قىلىپ تاشلايدىغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى تامامەن قىرىپ تاشلايدىغان قەبىھ پىلانىنى توختىتىش ئۈچۈن ”ئۇيغۇر مىللىي سۈكۈت ھەركىتى“ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. سۈكۈت ھەركىتى، توپ ئىچىگە كىرىۋېلىپ خەقنى زوراۋانلىققا قۇتىرىتىدىغان خىتاي جاسۇسلىرىنى دەرھال ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. شۇنداق قىلىش ھەركەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۈھىم. بۇ خىل پاسسىپ قارشىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق مىللىي ھەركىتىگە ئايلانغادا خىتاي قۇراللىق كۇچلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزەلىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ
مېنىڭ بۇ پىكىرىمگە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسى ئەرباپلارنىڭ بەزىلىرى“ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق قىئىلالىشى مۇمكن ئەمەس“ دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار “ئىمكانسىز” دېيىلگەن كۆپلىگەن قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ئىجات قىلدى، قىلىۋاتىدۇ. يەنە بەزى ئاڭسىزلار ۋە ياكى ھۇدۇقۇپ كەتكەن خىتاي جاسۇسلىرى“سەن ئۇيغۇرلارنى ئولۇمگە تۇتۇپ بەرمەكچىمۇ؟“ دەپ مىللەتكە كويۇنگەن قىياپەتتە ئورتىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇگۈن ۋەتەن ئىچىدە مىدىرايدىغان شارايىتنىڭ يوقلىغى، خەلقنى تەشكىللىيەلەيدىغان يولباشچىلارنىڭ تۇرمىلاردا ئىكلەنلىگى، قاتتىق قورقۇتىلغان خەلقىمىزنىڭ تارقاقلىغى، مىللىي خائىنلارنىڭ غالجىر ئىتلاردىنمۇ غالجىرلىغى، خىتاي ئارمىيە ۋە ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسسىق قېنىغا بولغان تويماس ئىشتىھاسى… سۈكۈت ھەركىتى ئالدىدىكى ھىمالايا تېغىدەك بىر توسالغۇ ئىكەنلىگىنى مەنمۇ بىلىمەن. بۇ ھەركەتنىڭ ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن خىتاي تايىقى ئاستىدا ئىزىلىپ ھۇشىدىن كەتكەن ئەمەس، تاياق يېيىشتىن پىشىپ يىتىلگەن بىر جەمىيەت بولىشى لازىم. بىراق، ئۇيغۇر مىللىتى، بۇلۇپمۇ جەنۇپتىكى ئەڭ قاتتىق ئىزىلگەن خەلقىمىز ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ”سۈكۈت ھەركىتى“نى باشلاشقا مەجبۇر. يېزىلاردىكى ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتى. ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھەركەتكە قوشۇلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۆمۈر بويى خىتايغا خىزمەت قىلىپ بۇگۈن ”ئىككى يۈزلىمىچىلىك“ بىلەن ئەيىپلىنىپ كۈرەش، پىپەن قىلىنىۋاتقان، خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىۋاتقان، ئابىرويى تۆكۈلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىر، زىيالىلار ئەڭ ئاخىرقى نۇپۇز ۋە ئابۇرويىنى ئۆز خەلقىنى ”سۈكۈت ھەركىتى“ گە تەشكىللەش ئۈچۈن ئىشلىتىشى لازىم ۋە بۇ ئىشلىتىشنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتى. ئۆز ھاياتىنى دوغا تىكىپ، بىر مىللەتنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىدىغان ”ئىككى يۈزلىمىچى“ ئۇيغۇر كادىر، زىيالىلىرىنىڭ بارلىغىغا ئىشىنىمەن. بۇ ھەركەت بىردىن باشلىنالماسلىقى مۇمكىن. ئامما، باشلانسا ۋە پۈتۈن يۇرتتا ئۇمۇملاشسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قەتلىيام پىلانىنى كېچىكتۈرۈشى ئۈچۈن تۆرتكە بولىدۇ
ئۇيغۇر مىللىتى يىرتقۇچ بىر ھاكىمىيەتتىن ئۆزىنى قانداق قوغداپ قېلىشنىڭ چارىسىنى ئويلاپ تېپىشقا مەجبۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۇچى چەتئەللەردە ئەمەس، بەلكى دەل ۋەتەننىڭ ئىچىدە، مىللەتنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە. تەشەببۇسىمنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئەزىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇلىغىغا شاماللار ئارقىلىق يېتىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ۋەتەن تۇپرىغىغا دەسسەپ تۇرغانلار ئۈچۈن ئانا ۋەتەننىڭ بىرىدىغان كۇچى تەڭداشسىز ۋە تۈگىمەستۇر

پۈتۈن سىياسى بۇران – چاپقۇنلارغا قارشى تەڭرىتاغ قارىغايلىرىدەك تىك ۋە ياشىرىپ تۇرغان ئۇلۇغ ۋە ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتىمگە سالام

يىل 2017 – 6. ئاينىڭ 10. كۈنى

Share
2891 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.