logo

trugen jacn

ئۇيغۇر تۈركلىرى: تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە, ناملىق يىغىن باشلاندى

8326191875ygurrkleri

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ھازىرقى زامان تۈرك شىۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كافېدرا باشلىقى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى

ئۇيغۇر شېھىتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان 2014- يىللىق ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى سۆھبەت يىغىنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى دوتسىنت دوكتور ئەركىن ئەمەت ۋە ھازىرقى زامان تۈرك شىۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور سەما بارۇتجۇ ئۆزدۆندەر خانىم قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي قەۋملەر ئىچىدىكى ئورنى، تارىخ سەھىپىلىرىدە ئوينىغان روللىرى، تۈرك ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىلىرى، شۇنداقلا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ۋە تولدۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بوشلۇقلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى

ئون ئىككىنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى سۆھبەت يىغىنلىرىنىڭ 2014- يىللىق قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيەسىگە دائىر ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئاجرىتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان دوكتور ئەركىن ئەمەت، يىغىنىڭ 2014- يىلى 17- نويابىر 19- نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىن باشقا كىملىك، تىل، مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەسىگە ئائىت كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىنىڭ ئوقۇپ ئۆتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1611 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.