ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان «خوتەندىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن سەككىز ئىنتىزام ۋە خوتەندىكى دۆلەت تىلى مائارىپىغا دائىر بەش بەلگىلىمە» ناملىق ھۆججەت ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەسلىلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر مەزمۇنلارنىڭ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئۆتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
مەزكۇر بەلگىلىمىدە ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ «دۆلەت بىر تۇتاش قوللىنىدىغان تىل»، يەنى خىتاي تىلىدا بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ 2017-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇقسىز 1-يىللىققىچە بولغان سىنىپلاردا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ماددىلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى ھەمدە ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان. شۇنىڭدەك دىنىي پۇراققا ئېگە ھەرقانداق كىيىمنى كىيىش، جۈملىدىن ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياغلىق ئارتىشى چەكلەنگەن.
بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مائارىپ تارماقلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ھۆججەت چىقارغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭ يەسلىلەردىن باشلاپ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/til-din-09252017160442.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.