logo

trugen jacn

ئۇيغۇر تاماقلىرى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدا بىرىنچى بولۇپ باھالاندى

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرىغا «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتاب بىلەن كۆك بايراق سوغات قىلىندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مىللىي يېمەك – ئىچمەكلەر بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئۇيغۇر تاماقلىرى ياخشى تونۇلۇشقا باشلاندى.

تۈركىيىدە بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇتۇش خىزمەتنى ئاكتىپ ئىشلەۋاتقان كىشىلەردىن بىرى شائىرە نۈرەلا گۆكتۈرك خانىم. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە «شەھەرلەر ئارىسى تاماق مۇسابىقىسى» غا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ تەييارلىغان ئۇيغۇر تاماقلىرى 100 خىل تاماق ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ باھالانغان. بۇ پائالىيەتتىن كېيىن، يەنى 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تۈركىيە 5 – قانال تېلېۋىزىيىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن تېلېۋىزىيىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇتقان.

پولو بىرىنچى بولدى Photo: RFA

ئارقىدىن تۈركىيىنىڭ بۇرسا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى شېئىرلار توپلىمى» ناملىق ئەسەرنى تونۇتۇش مۇراسىمىگە تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

بىز بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شائىرە نۈرەلا گۆكتۈرك خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/uyghur-tamaqliri-06092013144111.html#.UbYYFCIFMiQ.facebook

Share
6171 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.