logo

trugen jacn

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتاب ئامېرىكىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

 

ئامېرىكا تارىخچىسى رايىن تۇمنىڭ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغلۇق مۇساپىلىرى» ناملىق كىتابى ئامېرىكا تارىخ جەمئىيىتىنىڭ 2015-يىللىق ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكا تارىخ جەمئىيىتى 1896 يىلىدىن بۇيان تارىخ ساھەسىدىكى نادىر ئەسەرلەرگە مۇكاپات بېرىشىنى داۋام قىلىپ كەلگەن. بۇ يىلقىسى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 130-قېتىملىق مۇكاپاتى.

جەمئىيەتنىڭ تور بېتىگە قارىغاندا، بۇ يىللىق مۇكاپاتقا 1500 ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان، ئەسەرلەرنى 100 گە يېقىن تارىخچى باھالاپ چىققان، 30 ئەتراپىدا ئەسەر 2015-يىللىق مۇكاپاتقا تاللانغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغلارغا، يەنى مازار-ماشايىخلارغا چوقۇنۇش خاھىشى تارىخىي نۇقتىدىن ئىلمىي يورۇتۇپ بېرىلگەن كىتاب-«ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغلۇق مۇساپىلىرى» جون ك. فائىربانك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

جون ك. فائىربانك خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق دىرېكتورى بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا خىتاي تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىم ئىدى.

جون ك. فائىربانك 1991-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نامىدا يۇقىرىقى مۇكاپات تەسىس قىلىنغان.

بۇ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتابنىڭ ئامېرىكىدا ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tarix-kitab-mukapat-10072015162110.html

Share
1374 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.