logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىكى تەھدىت ئاستىدا

5-resim

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

دورىگەرلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەسپىي ئۇيغۇر دورىگەرلىرى ۋە كارخانىچىلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر خىل «سول» سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى، دائىرىلەرنىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر دورىگەرلىك بايلىقىنى كەڭ تۈردە سانائەتلەشتۈرەلمىگەن ۋە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىغان. بۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ساھەسىنىمۇ «نىشانلىق ياردەم بېرىش» تۈرىگە كىرگۈزۈپ خىتاي كارخانىلىرىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ ھەمدە ئەسلى سۈپىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكنى كەسىپ قىلغان شىركەت ۋە زاۋۇتلار ئادالەتسىز رىقابەتتە ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولماقتا.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئەڭ مۇھىمى، پەقەتلا ماددىي مەنپەئەتنى قوغلاشقان خىتاي زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر تېببىي دورىلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچەملىرى ۋە ئەنئەنىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ياسىغان ساختا دورىلارنىڭ بازارنى قاپلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك ساھەسى بۇزغۇنچىلىق ۋە ئېغىر تەھدىتكە يۈزلەنمەكتە.

دۇنيا بويىچە تەبىئىي، زىيانسىز يېشىل دورىلارغا بولغان ئېھتىياج بەك يۇقىرى بولماقتا. ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدا دەل بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن. گەرچە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى غەرب دورىلىرىدەك تىز بولمىسىمۇ، كېسەللىكنى يىلتىزىدىن داۋالايدۇ، قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەن، خام ئەشيا، پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇل تېخنىكىلىرى پۈتۈنلەي يېشىللىق ئۆلچىمىگە ماس بولغاچقا، پەقەتلا ئەكس تەسىرى يوق، بۇ ئۇيغۇر تېبابەتنىڭ ھەقىقىي كۈچى. دېمەك دورا تۈرىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ، بازار تېپىش ئېھتىمالى زور.

بىراق مەبلەغ ۋە تېخنىكا كەم بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك بايلىقى كەڭ تۈردە سانائەتلەشمىگەن، تولۇق، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرۇلمىغان بىر ساھە بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىگە كەڭ تۈردە كىرىشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ، ئۇلارنىڭ كېلىپ ئۆگىنىش، زاۋۇت قۇرۇش، دورا ئىجازەتنامىسى بېجىرىش، دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئىجازەتنامىلىرىنى بېجىرىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت سىياسەتلىرىنى تۇرغۇزغان ۋە خىتاي مەبلەغ سايلىغۇچىلارنى ئەڭ ئەتراپلىق، كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئۇيغۇرلاردىن تېخنىكا ۋە رېتسېپلارغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ ھەمدە ئەسلى سۈپىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكنى كەسىپ قىلغان شىركەت ۋە زاۋۇتلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، زاۋۇت قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە توسقۇنلۇق يارىتىپ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش جەھەتلەردە يولىنى تارايتقان. بۇ خىل تەڭسىز رىقابەتتە، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىمىسىمۇ، ساپ ھالەتتە، ئەڭ ياخشى سۈپەت بىلەن بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن.

خوتەن شەھىرىدە ئەڭ ئۇستىلاردىن تەلىم ئالغان بىر تېۋىپ، ئۆز كەسپىنى سۆيگەن ھەم ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەمەلىي ئىزدىنىش ھەم بەلگىلىك نەتىجىلەر ياراتقانلىقىنى، ئەمما قۇرغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كارخانىسى ئەنە شۇنداق ئادالەتسىز سىياسەتلەر بىلەن ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى بولسا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ دەپ بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىگە مەبلەغ سالىدىغان خىتاي شىركەتلەر دورا پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق دەپ، ئەمەلىيەتتە ئەنئەنىۋى دورا ئىشلەش تېخنىكىسىغا بۇزغۇنچىلىق ياراتقانلىقتىن، بىر قىسىم تېۋىپ ۋە دورىگەرلەر دائىرىلەرنىڭ بۇنى تۈزەشنى، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ يازما نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغان. بۇ كارخانىچى تېۋىپ ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭمۇ، كەسىپداشلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن ئېيتتى.

ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا دورىگەرلىك قىلىۋاتقان بىر قىزمۇ، ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،دائىرىلەرنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قىممەتلىك رېتسېپلىرىمىز يوقاپ كەتمەكتە، بۇ قىممەتلىك بايلىقىمىزنى قوغدىيالمايۋاتىمىز، ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئوغرىلىق، بۇزغۇنچىلىق، بازاردىكى نا ئىنساپ ساختىپەز «تېۋىپ»لار كىشىلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئىشەنمەس قىلىپ قويماقتا. تېۋىپلار ئۆزلىرىنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مەخپىي تۇتۇشى زۆرۈر، خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ياردىمىدە بۇ بايلىقىمىزنى قوغداش يوللىرىنى ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghur-tibabet-09072016143643.html

 

Share
2253 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.