logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى20-ئەسىر دىكى مۇھىم نامايەندە – ئەھمەت زىيائى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي، بەدىئىي مىراسلىرى

51bfa7fb-624b-48f7-95db-e1ebb9d34ea3

ئوڭدىن سولغا – ئەھمەت زىيائى ئەپەندى زامانداش دوستلىرىدىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە شۈكۈر يالقىن ئەپەندىلەر بىلەن بىللە.

 

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندە – مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ ۋاپاتىغا 26 يىل تولغان كۈن.

كىشىلەر «ئەھمەت زىيائى» دېگەن بۇ نامنى ئاڭلىغىنىدا ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر «كۆۋرۈك» شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر گېزىتچىلىكى تارىخىدىكى بىر «ئۇل تاش» دەپ قارىشىدۇ.

ئەھمەت زىيائى ھەقىقەتەنمۇ بىر «كۆۋرۈك»، ئۇ 20-ئەسىردىكى زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كلاسسىك تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ باي ئەنئەنىلىرىگە باغلىغان ۋە بۇ جەھەتتە «كۆۋرۈك» لۈك رول ئوينىغان بىر شەخس.

ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرىگە ئالاھىدە زور باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەھمەت زىيائى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كىرگەن ۋە ئۇنى يېڭىچە مۇھىتتا بېيىتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور ئابلەت سەمەتمۇ مەرھۇم ئەھمەت زىيائى ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ، مەرھۇم ئەھمەت زىيائى بىر شائىر، بىر يازغۇچى، بىر ئاخباراتچى بولۇپلا قالماستىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى ھەم ئۆتكۈر تىلچىدۇر، دەپ قارايدۇ.

ئەھمەت زىيائى 1913-يىلى 17-ئاپرېلدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
ئەھمەت زىيائىنىڭ دادىسى موللاخۇن 14 ياش ۋاقتىدا ھەجگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەدرىسىلەردە 12 يىل ئوقۇپ، 26 يېشىدا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئابدۇقادىر داموللام بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئەھمەت زىيائىنىڭ دادىسى قەشقەر خانئېرىقتا 24 ھوجرىلىق مەدرىسە بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇدەررىس بولغان.

ئەھمەت زىيائى موللائاخۇن ھاجىم ئائىلىسىدىكى 13 بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت پەيزىمۇ ئۆز دەۋرىدە يېتىلگەن ئىلىم ئىگىلىرىدىن بولغان. ئەھمەت زىيائىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت پەيزى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش ۋاكالەتخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان.

1934-يىلى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئەھمەت زىيائى قەشقەر شەھىرىدە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنىۋاتقان «يېڭى ھايات» گېزىتىدە كاتىپ ۋە ياردەمچى تەھرىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان.

ئەھمەت زىيائىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ پارسچىنى ياخشى بىلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىراندا چىقىدىغان «تېھران گېزىتى»، ئافغانىستاندا چىقىدىغان «ئامان ئافغان» گېزىتلىرىنىڭ خەلقئارا خەۋەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، «يېڭى ھايات» گېزىتىگە تەييارلىغان. بۇ گېزىت كېيىنچە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. ئەھمەت زىيائىي بۇ گېزىتتە تاكى 1943-يىلىغىچە تەھرىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەھمەت زىيائى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرلەر بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان.

ئۇ، شۇ يىلى «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىنى يېزىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان. ئەپسۇسكى، 1944-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، تاكى 1946-يىلىنىڭ بېشىغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتىدۇ.

تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، لاداق يولىغا ئاتلىنىدۇ ھەمدە قەشقەر بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا سودىگەرچىلىك قىلىدۇ. 1946-يىلى «11 بىتىم» ئىمزالانغان كۈنلەردە ئۇ يەنە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» گە قايتىپ كېلىپ باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلايدۇ.

1947-يىلى ئۇ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە گومىنداڭ قانۇن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ ھەمدە نەنجىڭدە 72 كۈن تۇرىدۇ. 1948-يىلى 5-ئايدا نەنجىڭدىن قايتىپ چىقىپ يەنە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» دە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ.

1949-يىلىدىن كېيىن شائىرنىڭ ھاياتى سىياسىي داۋالغۇشلارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆتىدۇ. ئۇ، ئۇزۇن مەزگىل تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن چىقىدۇ. 1980-يىللاردا «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى نەشرگە تەييارلاشتا مۇھىم كۈچ قوشىدۇ.

دوكتور ئابلەت سەمەت يەنە مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن مول ۋە كۆپ قاتلاملىق ئەدەبىي، ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئاخىرىدا، ئەھمەت زىيائىنىڭ «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ساياھەت خاتىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/meshhur-kishi-10272015144743.html

Share
2346 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.