logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇلتۇر 468 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرى تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

 

مېھرىبان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 468 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. ئەمما خەۋەردە چارە كۆرۈلگەن كادىرلارنىڭ جازالىنىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىدى.

16-مارت كۈنىدىكى شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، بۇلتۇر تەكشۈرۈلۈپ چارە كۆرۈلگەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى 468 نەپەر، ئۇلاردىن يېزا، كەنتلەردە پارتكوم سېكرېتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەر 61 نەپەر، يېزا كادىرى 75 نەپەر، قالغانلىرى ناھىيە-يېزىلاردىكى ئىقتىساد، يەر باشقۇرۇش، مائارىپ،كادىرلار خىزمىتى، سەھىيە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ساھەلەردىكى كادىرلاردىن تەركىب تاپقان. خەۋەردە بۇلتۇر چارە كۆرۈلگەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلغانلىقى، ئۇندىن باشقا پارتكوم سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن يېزا كادىرلىرىنىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ناھىيە، يېزىلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەر قېتىملىق ۋەقەلەردىن كېيىن بىر قىسىم يېزا-كادىرلىرىغا چارە كۆرۈلۈپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر لەر تارقالغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بۇلتۇر تەكشۈرۈلۈپ چارە كۆرۈلگەن 468 نەپەر كادىرنىڭ ئىچىدە سىياسىي سەۋەبتىن جازالانغانلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/asasiy-qatlam-03172015170842.html

Share
1338 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.