logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئون خىل رېتسېپىنى ئېلان قىلدى

ab4eb122-5462-4af1-b61f-65679a32dd29

ئىرادە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ھەققىدە تەشۋىقات ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان ئىدى.

ئۇلار يەنە، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئون خىل رېتسېپىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر رېتسېپنىڭ مەزمۇنلىرى تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەر يەر ئالغان:
-دىنىي رادىكال ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، يوشۇرۇن دىنىي كۈچلەرنى قېزىپ چىقىپ زەربە بېرىش، باستۇرۇپ زەربە بېرىش، يوشۇرۇن بالايىئاپەتنى تۈپتىن يوقىتىش، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قانۇندىن ئىبارەت ئۆتكۈر خەنجەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئېغىر جازالاش، پارتىيىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى، دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش.

يۇقىرىدىكى بۇ رېتسېپلاردا يەر ئالغان سۆزلەر چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىيلىككە يوقىتىش نامى ئاستىدا ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئەسەبىيلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/diniy-esebilik-04022015160930.html

Share
1490 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.