logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالغۇچى چەتئەل كارخانىلىرى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە كۆز يۇمماسلىققا چاقىرىلدى

image

 گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سالغۇچى چەتئەل كارخانىلىرىغا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ۋە تالان-تاراج سىياسىتىگە كۆز يۇمماسلىققا چاقىردى.

بۇ سۆزلەرنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىش ئالدىدىكى 11-نۆۋەتلىك «جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسى» توغرىسىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئوتتۇرىغا قويدى.

يەرمەنكىگە گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا، شۋېتسارىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن خەلقئارادا كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئەسلىھە كارخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 500 دىن ئارتۇق كۈچلۈك كارخانا قاتنىشىدىكەن.

ئالىم سېيىتوف باياناتىدا چەتئەل كارخانىلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ -تالاش قىلىش سىياسىتىگە شېرىك بولۇشتىن ئاگاھ بولۇشقا ۋە بۇ ساھەدە يارىتىلغان خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىشقا چاقىردى.

ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 11-نۆۋەتلىك «جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسى» 22-ئىيۇلدىن 24-ئىيۇلغىچە ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلماقچى.

بۇ يەرمەنكە ئاسىيا قىتئەسى ھەمدە كۆمۈر ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ئىككىنچى چوڭ خەلقئارالىق يەرمەنكە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرغىچە، كۆرگەزمە گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا، شۋېتسارىيە قاتارلىق20 دۆلەتتىن خەلقئارادا كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئەسلىھە كارخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 500ئارتۇق كۈچلۈك كارخانىنى جەلپ قىلغاندىن باشقا، خىتاينىڭ 400 گە يېقىن چوڭ-كىچىك كارخانىلىرىمۇ كۆرگەزمىدىن ئورۇن تالاشماقتا ئىكەن. بۇلتۇرقى يەرمەنكىدە 16 دۆلەتتىن 1000 غا يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىش ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى كۆمۈر ئېنېرگىيە ۋە كۆمۈر خىمىيە ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خام ئەشيا بازىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆمۈر بايلىق زاپىسى پۈتۈن خىتاي كۆمۈر بايلىق زاپىسىنىڭ 40%tini ئىگىلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن خىتايدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ 79% تى ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆمۈر يەرمەنكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشىغا قاتنىشىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كارخانىلىرى ئىچىدە 19% تىنى چەتئەل كارخانىلىرى ئىگىلەيدىكەن.

2012-يىلى 9-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسىگە دۇنيادىكى 1-چوڭ خۇسۇسى كۆمۈر شىركىتى ۋە 1-چوڭ پەن تېخنىكا شىركىتى ھېسابلانغان ئامېرىكا پېئابودي (Peabody Energy) ئېنېرگىيە شىركىتى قاتنىشىپ، خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ھازىرلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ئامېرىكا شىركىتىگە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورناتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى 22-ئىيۇل ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرمەنكىگە قاتناشماقچى بولغان بارلىق كارخانا شىركەتلەرگە ئوخشاش چاقىرىق قىلدى.

خىتاي 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 856 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۆمۈر زاپىسى تەكشۈرۈش تۈرىدىن 36 نى يولغا قويغان ئىدى.

بۇ تۈرلەرنىڭ قاپلاش كۆلىمى 19مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر زاپىسى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ئېنېرگىيە بايلىقنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا ئا قويۇپ، كۆمۈر بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتتى.

«11-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» تىكى كۆمۈر توشۇش مەخسۇس تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتر تۈرىنىڭ بىرىكىشى ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر 2015-يىلغا بارغاندا يەنىمۇ كۆپ چوڭ كارخانا چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىپ كۆمۈر سانائىتى تۈرىنى ئېچىشقا قاتنىشىشقا قىزىقتۇرماقچى.

ھالبۇكى، بارغانچە پىلانسىز ھالدا كۆلەملىك كېڭەيتىلىۋاتقان مەزكۇر سانائەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/chetel-karxana-07212014164159.html

Share
1895 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.