logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى ئەمەلدارى مۇقىملىقنى بۇزغۇچىلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشنى تەلەپ قىلدى

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋەزىپىگە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا «قاتتىق زەربە بېرىپ، بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش» نى تەكىتلىدى.

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 30-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يېڭى سېكرېتار چېن چۈەنگو «مۇقىملىق خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى» چاقىرغان. ئۇ يىغىندا «مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بالدۇر تۇتۇش، دەسلىپىدە تۇتۇش، تېز تۇتۇش» نى، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان زوراۋان-تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشنى، ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، ھەربىي رايون، بىڭتۇەن، قوراللىق ساقچى قىسىم، ج خ قىسىملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىن سىرت، ئاخبارات-ئۇچۇرنى قامال قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ : «ئاخبارات-ئۇچۇرنى چىڭ تۇتۇپ، قۇلاق سەزگۈر، كۆز ئۆتكۈر بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن بىلىپ بولۇش، ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ تور بوشلۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، باشقۇرغىلى، تىزگىنلىگىلى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تور بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن خىتاي ئەمەلدارنىڭ سۆزلىرىنى «چېكىدىن ئاشقان» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، بۇ خىتاي ئەمەلدارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھازىر خەلقئارادا تەكىتلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت قارىشىغا تۈپتىن زىتلىقىنى بىلدۈرۈپ «خىتاي ئەمەلدارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-emeldar-09012016164452.html

Share
1296 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.